ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىرازىلىيەلىك داڭلىق مودېل باربارا فىئاخو يېقىندا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە چاچ ئاسراش ئۇسۇلىنى ئاشكارلىغان . ئەمما بۇ خىل ئوت ئارقىلىق چىچەكلەپ كەتكەن چاچلارنى كۆيدۈرۈپ ، چاچنى سىلىقلاپ ، پارقىراق قىلىدىغان ئۇسۇلغا ھەممە ئادەمنىڭ جۈرئەت قىلالىشى ناتايىن . www.iz.la
ساتىراشنىڭ ئېيتىشىچە ، ئوتنىڭ تۈك خالتىسىنى ئېچىپ ، چاچتىكى ئوزۇقنى ساقلاپ قېلىش ئالاھىدىلىكى باركەن . چاچنىڭ چىچەكلەپ كەتكەن قىسمىنى كۆيدۈرپ ، خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ چاچقا بولغان زىيىنىنى يوقىتىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل چاچ ئاسراش ئۇسۇلى 20-ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدىلا مودا بولۇشقا باشلىغان . نۇرغۇنلىغان بىرازىلىيەلىك ئاياللار ئۆيلىرىدىلا شام بىلەن چىچەكلەپ كەتكەن چاچلىرىنى ئاسرىغان . بۇ خىل ئۇسۇل كېيىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ھازىرغا قەدەر مەنئى قىلىنغان . بۇ خىل چاچ ئاسراش ئۇسۇلى چاچنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ 150 دوللاردىن 200 دوللار( تەخمىنەن 930 ~1300 يۈەن خەلق پۇلى ) غىچە ھەق ئېلىنىدىكەن .
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
