app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

مەس بولۇپ قالغان بۇغا قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ۋاقتى:2014-06-20 17:07مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

copyright by www.iz.la

 ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدىن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كېيۋىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا ، توساتتىن يولغا ئېتىلىپ چىققان ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىغا سوقۇلغان ، ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغا ئاپتوبۇسنىڭ شامال توسۇش ئەينىكىگە باشچىلاپ ئۈسۈپ ، يېرىم بەدىنى ئاپتوبۇسقا كىرىپ كەتكەن ۋە نەق مەيداندا جان ئۈزگەن . www.iz.la

    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ساقچىلار ئاپتوبوستىكى مۇساپە سائىتىنىڭ 666.6 كىلومېتىرنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايقىغان . ئىگىلىنىشىچە ، غەرب مەدەنىيىتىدە 666 ئەزرائىلغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن . 
    ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۇرغۇنلىغان يولۇچىلار گەرچە بۇ ۋەقەنى ئەزرائىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹ 666 ›› دىن كۆرگەن بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بۇ ۋەقە ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىنىڭ ‹‹ مەس ›› بولۇپ قالغانلىقىدىن يۈز بەرگەن ئىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ھەر يىلى موشۇ مەزگىلدە ، بۇغىلار بۇ رايوندىكى ئورمانلىقتىكى ئېچىپ قالغان مېۋىلەرنى يەيدىكەن ، يەردە ئۇزۇن تۇرۇپ ئېچىپ كەتكەن بۇ خىل مېۋىلەرنىڭ ھايۋانلارنى مەس قىلىش رولى بار ئىكەن .
 
 
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
ياخشىكەن
(3)
50%
ئالقىشلايمەن
(3)
50%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس