ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
سىرلانكادىكى سىنگال مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمى ئادەتتە ئىككى قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ ، ئالدى بىلەن قىز تەرەپتە ، ئاندىن يىگىت تەرەپتە بولىدۇ . توي مۇراسىمىدىن ئىلگىرى قۇتلۇق كۈن تاللىنىدۇ .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
توي كۈنى ، قىز بىلەن يىگىت ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ، قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىم مەيدانىغا كىرىپ ، رىياسەتچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، ئالاھىدە ياسالغان توي سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ ، سىپارى يوپۇرمىقىنى تۇتۇپ ئەجدادلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ ، ئارقىدىن يىگىت قىزنىڭ بوينىغا مارجان ئېسىپ ، بېلىگە قىزىل سارى چىگىپ قويىدۇ ( قىز بۇ سارىنى نەچچە كۈندىن كېيىن يىگىت تەرەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تويىدا كىيىدۇ ) . ئۇنىڭدىن كېيىن ، رىياسەتچى پاختا يىپتا بۇ ئىككىيلەننىڭ چىمچىلىقىنى چىگىپ قويىدۇ ، قىزنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ ، مەڭگۇ ئىناق-ئىجىل ئۆتۈشىنى تىلەيدۇ . بۇ ۋاقىتتا ياش قىزلار توي سەھنىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ، گۈزەك تىلەكلەرنى تىلەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ . قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ باققان ئەجرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇلارغا سىپارى يوپۇرمىقى ۋە سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ . [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
زىياپەت باشلانغاندا ، قىز بىلەن يىگىت ھەر بىر ئۈستەلگە بېرىپ كەلگەن مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ ، ئارقىدىن ئۇلار بىر-بىرىگە كۇكۇس شىرنىسىدا ياسالغان گۈرۈچ ئېشى يىگۈزىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن توي قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ . توينىڭ ئەتىسى ياكى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپتە يەنە بىر قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ئىز تورى بەك ياخشى
