ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ يىل ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن كىلاۋىئا ئوچۇيا فىلىك ئاشنىسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىقى بولغان ‹‹ لوس جىتاس ›› ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى بولغان . www.iz.la
خەۋەر قىلىنىشىچە ، كىلاۋىئا ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى جوس لودىلىك گەنىيانىڭ ئاشنىسى بولۇپ ، بىر ئاي ئىلگىرى جوس قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ، چەت ئەل جامائەتچىلىكى كىلاۋىئانى ‹‹ لوس جىتاس ›› غا باش بولغان دەپ پەرەز قىلىشقان . ‹‹ لوس جىتاس ›› مىكسىكىدىكى ئەڭ قارام ، ئەڭ غالجىر زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ‹‹ دېڭىز قولتۇق كاتىر ›› نىڭ ھەربىي كۈچى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى زورلوق ( قوراللىق ئېتىشىش ، ئۆلتۈرۈش ، تۇتقۇن قىلىش ) بىلەن زەھەرلىك سودىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەن
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى