ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستاننىڭ بانگالۇر شەھىرىدە ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەۋىن راج ئىسىملىك بىر ئەر بار بولۇپ ، ئۇ يەتتە رەقىمى ۋە ئاق ، قىزىل ئىككى خىل رەڭگە ئالاھىدە قىزىقىدىكەن . ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ، بۇ ئۈچ خىل ئامىل ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن . شۇ سەۋەبدىن سەۋىن راج داڭلىق شەخىسكە ئايلانغان .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
راج بالىلارنىڭ يەتتىنچىسى بولغاچقا ، ئۇنىڭغا سەۋىن (ئىنگىلىزچە يەتتە دېگەن سۆز) دەپ ئىسىم قويۇلغان ، شۇڭا سەۋىن راج بۇ سانغا زىيادە ئامراق ئىكەن . سەۋىن راج يەتتە خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدىكەن ، يانفونىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نومۇرىمۇ يەتتە ئىكەن ، كاستومىدا يەتتە تال تۈگمە باركەن ؛ ئاق بىلەن قىزىل رەڭگە ئامراق بولۇشتىكى سەۋەبى بىرخىل غەلىتە ماركېتىڭ تاكتىكىسىدىن كەلگەن بولۇپ ، دەسلەپتە ئۇ پەقەت خىزمەتتە خېرىدارلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل رەڭنى ئىشلەتكەن بولسا ، كېيىنكى مەزگىلدە بۇ ئىككى خىل رەڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغىچە تەسىر قىلغان . ھازىر سەۋىن راجنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي سايمانلىرى ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، ئاپتوموبىلى ، ھەتتا چىش پاستىسىمۇ پۈتۈنلەي ئاق بىلەن قىزىل رەڭدە ئىكەن . ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سارىسىمۇ پەقەت ئاق ۋە قىزىل رەڭدە ئىكەن .
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى