app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئامېرىكىدا ‹‹ چوڭ پۇتلۇق مەخلۇق ›› بايقالدى

ۋاقتى:2014-07-02 18:39مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

www.iz.la

ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى 40 ياشلىق ئەر رەندى ئونېل ‹‹ چوڭ پۇتلۇق مەخلۇق ›› (ئادەمسىمان مايمۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان گىگانت مەخلۇق ) نىڭ سۈرىتى ۋە بۇ قېتىمقى ‹‹ ئۇچرىشىش ›› نىڭ پۈتۈن جەريانىنى يېزىپ ئېلان قىلغان . ئونېلنىڭ ماقالىسىدا يەنە 25 يىلنىڭ ئالدىدا دادىسى بېننىڭ شۇ يەردە مۇشۇنداق مەخلۇقنى ئۇچراتقانلىقى ۋە ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان . 

ئىز تورى بەك ياخشى

    ‹‹ چوڭ پۇتلۇق مەخلۇق ›› نىڭ سۈرىتىنى ئونېلنىڭ دادىسى يېقىندا بېلىق تۇتقاندا تارتقان بولۇپ ، كونا تىپتىكى يانفوندا تارتىلغان سۈرەتتىن مەخلۇقنىڭ چىرايىنى ئېنىق پەرقلەندۈش تەس ئىدى . تۇتۇق تارتىلغان سۈرەتتىن قارىغاندا ، پۈتۈن بەدىنىنى قارا تۈك باسقان يوغان بىر ‹‹ نەرسە ›› سۇ بويىدىكى دەرەخنىڭ يېنىدا تۈگۈلۇپ ئولتۇرغان ئىدى .
    ئىگىلىنىشىچە ، ئونېل ‹‹ چوڭ پۇتلۇق مەخلۇق ›› نى بايقىغان بىرىنچى ئادەم ئەمەس ، 1951-يىلى ئامېرىكىلىق ئېكسپېدىتسىيەچى شېپتون ‹‹ قار ئادەم ›› نىڭ ئاياغ ئىزىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان . ئامېرىكىدىكى بىر دوكتورنىڭ ئېيتىشىچە ،  2013 ~ 1921 يىلىغىچە جەمئىي 3313 ئادەم ‹‹ چوڭ پۇتلۇق مەخلۇق ›› نى كۆرگەن .
  
مەنبە. تەڭرىتاغئۇيغۇرچەتورى
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس