app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى يېڭى ئائىلىسى

ۋاقتى:2014-07-03 10:11مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ئىز تورى www.iz.la

ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئافرىقىدىكى سېررالېئوندىن بىر قېتىمدا سەككىز بالىنى بېقىۋېلىپ ، تارىختىن بۇيان بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ يېتىم بالا بېقىۋالغان رىكوردنى ياراتقان . www.iz.la

    ئىگىلىنىشىچە ، خەرى بىلەن مايك ئەسلى ئىككى ياكى ئۈچ بالىنى بېقىۋېلىشنى پىلان قىلغان ، ئەمما ئۇلار سېررالېئوندىكى دارىلئېتامغا كەلگەندىن كېيىن ، يەتتە ئوغۇل بىر قىز بېقىۋېلىشنى قارار قىلغان ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانا تەرەپتىن بولغان بىر تۇغقان ئاكا-سىڭىللار ئىكەن . بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ، مەلۇم تور بېتى ئارقىلىق 16 مىڭ دوللار ( تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) ئىئانە توپلاپ ، ئۆيىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ، ئاق كۆڭۈل يەرلىكلەر يەنە تېخى كىيىم-كىچەك ۋە قوش قەۋەتلىك كارۋاتلارنى ئىئانە قىلغان . بېقىۋېلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش 2010-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ ، بالىلارنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن . 2013-يىلى مارتتا بالىلار ئاخىرى ئامېرىكىدىكى يېڭى ئۆيىگە يېتىپ كەلگەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     31 ياشلىق خەرى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ، بۇ چوڭ ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىشنى زىممىسىگە ئالغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ھازىرقى تۇرمۇشى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ، ئەمما خەرى بۇ خىل چوڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىن بەكمۇ خوشال ئىكەن . خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئۇنىڭ بىر كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاشخانىدىلا ئۆتىدىكەن . ناشتىلىق قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 36 تۇخۇم ، 2 قاداق گۆش كېتىدىكەن . گەرچە بالىلار دەسلەپتە بۇ ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشقا كۆنەلمىگەن بولسىمۇ ، ھازىر ئۇلار بۇ يېڭى ئائىلىسىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن . خەرى بىلەن مايكنىڭ ئېيتىشىچە ، كەلگۈسىدە بالىلارنىڭ ئامېرىكىدا داۋاملىق قېلىشى ياكى ئافرىقىغا قايتىشى پۈتۈنلەي بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىدە ئىكەن .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  

ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورى بەك ياخشى

 

www.iz.la

  ئىز تورى www.iz.la

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس