app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

ئىلگىرلىشى تەس بولىۋاتقان ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش

ۋاقتى:2014-07-03 10:47مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

گېرمانىيە سوتسىيال دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مارتېن شۇلتىس 1-ئىيۇل يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا 409 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىقىغا يەنە سايلىنىپ، ياۋروپا پارلامېنتى تارىخىدىكى تۇنجى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن پارلامېنت باشلىقى بولۇپ قالدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شۇلتىس سايلامدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ياۋروپا پارلامېنتى ئاممىدىن ئايرىلمايدۇ، چۈنكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى ئامما سايلىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا نۇرغۇن كەسكىن خىرىسلارغا ، ئالايلۇق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتى بۇ مەسىلىنى ياخشىلاش ۋە ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقىدىن باشقا، ياۋروپانىڭ تەرەققىيات پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى سايلاش ساداسىمۇ ياڭرىدى. 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ليۇكسۇمبۇرگنىڭ سابىق باش ۋەزىرى رۇك كېلەر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە كۆرسىتىلدى. گەرچە ياۋروپا پارلامېنتى يەنە 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى رۇكنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى ئاۋازغا قويىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ رەھبەرلىكىدىكى ياۋروپا خەلق پارتىيەسى شۇنداقلا رۇكنى قوللايدىغان سوتسىيالىستلار پارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامنتىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئورۇنغا ئىگە بولدى، پارلامېنتنىڭ نامزاتلارنى ماقۇللىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

شۇلتىسنىڭ غەلىبىسى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى قوللايدىغان گۇرۇھنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇقىم، چېكىنىش ۋە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مەيلى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورنى ۋەياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگىنىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەھبەرلىرى بولسۇن، ئوتتۇرا ئوڭ قانات ۋە ئوتتۇرا سول قانات پارتىيە گۇرۇھلىرى داۋاملىق ياۋروپا پارلامنتىدا يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرماقتا، ئەمما ئوڭ قانات ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەرۈشتۈرۈشكە قارشى پارتىيەلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ تەدرىجىي ئاشماقتا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ ئومۇمىي تەدبىرى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىىتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھازىرقى ياۋروپانىڭ سىياسىي ھاياتىدا ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش بىلەن ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى قوللايدىغانلارنىڭ تىركىشىشى شىددەتلىك بولماقتا. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى خەلقى ئىشسىزلىق دەردىنى ھارغىچە تارتقان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش، ياۋرودىن ۋاز كېچىش تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش. بۇ خىل ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشىشى ناھايىتى مۇھىم، ياۋروپا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا تېزدىن تۈرتكە بولۇش، كارخانىلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ھەل قىلىش- شۈبھىسىزكى، يېڭى ياۋروپا پارلامېنتى دۇچ كېلىدىغان خىرىس.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

نۆۋەتتە ياۋروپا پارلامېنتىدا گەرچە ئوڭ قانات گۇرۇھىدىكى پارتىيە گۇرۇھلار 140دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئوتتۇرا سول ۋە ئوتتۇرا ئوڭ قانات پارتىيەلەرنىڭ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى داۋاملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن ئاۋۋال جۇڭگو بىلەن تۈرلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق ئاساسى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزىدۇ. copyright by www.iz.la

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسىنىڭ ياردەمچىسى، ياۋروپا ۋە جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى گەيلىن مۇنداق دېدى: سوتسىيال دىموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەبىئىي مۇناسىۋىتى بار، شۇلتىس رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيال دىموكراتلار پارتىيەسى گۇرۇھى ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ، خەلق پارتىيەسى گۇرۇھى ئوتتۇرا ئوڭ قانات كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ياۋروپانىڭ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىجابىي ئامىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

گەيلىن مۇنداق دېدى: ياۋروپا قەرز كىرزىسىدىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلەر 20 يىل ئاسىيانىڭ 20 يىلى، كېمنىڭ ئاسىيا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى، كېمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا دۇنيا سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە. جۇڭگۈ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس