ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سەنئەتكار مىيوجاشىن ئۆيىنىڭ بىر ھۇجرىسىنى كېچىلىكى بىر دوللاردىن ئىجارىگە بەرگەن.ھۇجرا ئىجارىسىنىڭ ئەرزانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بىر تۈركۈم بەلگىلىمىلەرمۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. مەسلەن، ئىجارىگە ئالغۇچى چوقۇم 24 سائەت نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، بىر ‹‹ قەپەس ›› نىڭ ئىچىدە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ، يەنە ئەتىگەن سائەت 12~9 گىچە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تورغا چىقىشى، ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشى، كىتاب كۆرۈشى، رادىئو ئاڭلىشى ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشى ، ھەرىكەت قىلىشى، ھەتتە ئۇخلىشىمۇ مەنئى قىلىنىدىكەن .
