ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ يەر ۋاقتى 16-ئىيۇن ، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ شىمالىدىكى ۋىللېپىنت كۆرگەزمە مەركىزىدە ، 2014-يىللىق ياۋروپا قىتئەسى خەلقئارا مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى . كۆرگەزمىگە 56 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق كارخانا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى قورال-ياراغ ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قورال-ياراغلىرىنى قاتناشتۇردى . 170 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆرگەزمە رايونىدا ، تۈرلۈك ئىلغار ھەربىي قوراللار رەت–رەت تىزىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تانكا ، تىك ئۇچار ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ، بىرونېۋىك ، رادار قاتارلىق چوڭ تىپتىكى قوراللار ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مىلتىق ، تانكىغا قارشى قوراللار ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ، بىئوخىمىيەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە رادىياتسىيە قوراللىرى قاتارلىق ئوتتۇرا ، كىچىك تىپتىكى مەھسۇلاتلار بار .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
