ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى www.iz.la
نىيۇيوركتىكى ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى— Genepeeks يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلغان . بۇ تېخنىكىدا ئىسپېرما تەقدىم قىلغۇچى بىلەن ئىسپېرما قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن نەچچە مىڭلىغان ‹‹ سىفىرلىق ھامىلە ›› پەيدا قىلغىلى بولىدىكەن . شۇنداقلا يەنە بۇ ئىسپېرما بىلەن ئۇرۇق بىرىككەندىن كېيىن تۇغۇلىدىغان بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىن پەرەز قىلىپ بىلگىلى بولىدىكەن . بۇ تۈرلۈك تېخنىكا مۇلازىمىتى ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا بىر قىسىم يۇقىرى خېيىم–خەتىرى بولغان ئېرسىيەت كېسەللىكلىرىدىن ئالدىن ئۇچۇر بەرگىلى بولىدىكەن . بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر شىركەت تەرىپىدىن ئوڭۇشلۇق ئىگىلەنگەن ھەم كەلگۈسىدە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ تۇغۇلمىغان بوۋىقىغا قارىتا تاللاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بەرگەن .
ئىز تورى بەك ياخشى
