ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

ئامېرىكا ياخو ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى 84 ياشلىق موماي 60 يىل بۇرۇن يۈتتۈرۈپ قويغان ئۈزۈكىنى تېپىۋالغان .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ موماينىڭ ئىسمى ئېلزابىت كىلاك بولۇپ، 1954-يىلى خوۋارد پەينى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، مەكتەپ پۈتتۈرگەن يىلى ئېلزابىت ئوغۇل دوستى بىلەن بىرگە ناس ۋوز كۆلى يېنىدا غىزالىنىۋاتقاندا، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈزىكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئېلزابىت ئائىلىسىدىن چىققان بىردىنبىر ئىستۇدېنت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈزۈكنىڭ ئەھمىيىتى بەكمۇ چوڭ ئىكەن.شۇنچە يىللاردىن كېيىن، ئېلزابىت خاتىرە قىممىتىگە ئىگە بۇ ئۈزۈكنى ئىزدەپ تېپىشقا كۆزى يەتمىگەن. ئەمما كۆلنىڭ تەدرىجىي قۇرۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل مارتتا، بىرەيلەن كۆل ئەتراپىدىن بۇ ئۈزۈكنى تېپىۋالغان. ئۈزۈككە ئېلزابىتنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بولغاچقا، بۇ ئۈزۈك ئاخىرى 60 يىلدىن كېيىن ئۆز ئىگىسىنىڭ قولىغا قايتقان .
www.iz.la
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
