ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مۇڭغۇلىيە 1990-يىلى ئىقتىسادنى ئەركىنلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ، بازار ئىگىدارلىرى تېزدىن دۆلەت ھوقوقىنى كونترول قىلىپ . مۇڭغۇلىيە تەۋەلىكىدە دۆلەت مۈلكىنى خۇسۇسىيلاشتۈردى ، بىر تۈركۈم مۇڭغۇللار ئالتۇن كان ئېچىش ، قىس بولغان ئىجازەتنامەلەرنى سېتىش ۋە ئاكسىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ‹‹ بىر كېچىدىلا ›› كاتتا بايلارغا ئايلاندى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىگىلىنىشىچە ، مۇڭغۇلىيەدە ھازىر 400 دىن ئارتۇق پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت بار بولۇپ ، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەبلىغى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كاتتا بايۋەتچىلەرنىڭ قولىدا ئىكەن . ئۇلار مۇڭغۇلىيەدىكى %60 كارخانىلارنى كونترول قىلغان بولۇپ ، تىۋىت ، قوي يۇڭى ، خۇرۇم قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە .
ئۇلانباتۇردا 300 دىن ئارتۇق مەيخانا بار ، ئۇنىڭدىن سىرت ، يەنە دېسكوخانا ، كېچىلىك كۇلۇب ۋە پىۋىخانىلارمۇ بەك روناق تاپقان ، ياش بايۋەتچىلەر بۇ يەرلەردە كۆڭۈل ئېچىشىدۇ . كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنىڭ راۋاجلىنىشى ناخشىچى ۋە كىنو ئارتىسلىرىنى تىزدىن پۇللۇق قىلىپ ، ئۇلارنى بايۋەتچىلەر قوشۇنىنىڭ يېڭى ئەزاسىغا ئايلاندۇردى .
ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىشى ۋە كان قېزىش ساھەسى ئېلىپ كەلگەن ھەدىدىن زىيادە ئارتۇق پايدا بۇ دۆلەتنى قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا ئاسمان -زېمىن پەرىقلەندۈرگەن . باشقىلار مۇڭغۇلىيەنى دۇبەينىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى دوراپ ئىككىنچى دۇبەي بولۇشقا قاراپ ماڭغان دېگەن . ئامېرىكا ‹‹ ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنال ›› نىڭ ئېيتىشىچە ، مۇڭغۇلىيەدە بىر تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى قېزىلمىغان كان بايلىقى بار ئىكەن
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى