سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسى بويىچە بىرلەشمە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىم بۇندىن بۇرۇن ياراشتۇرۇش خىزمىتىدە بىتەرەپ بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەقەتلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. باياناتتا شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: گەرچە سۈرىيە دائىرىلىرى ئىبراھىم بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشسىمۇ لېكىن ئىبراھىم تېخىمۇ بىتەرەپلىكنى ساقلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ بۇندىن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرغان دوكلاتىدا بىر خەلقئارالىق ياراشتۇرغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك بىتەرەپلىك مەيداندىن يىراقلاپ كەتتى، يەنە تېخى بۇ دوكلاتتا «سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» مەزمۇنلىرىمۇ بار
مەنبە . شىنخۋا تور ى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
