‹‹بىز ئۇنىڭ ھايات قېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان نۇرغۇن سوئاللىرىمىز بار!›› تۈنۈگۈن ، خەلقئارادىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بوستۇندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت گۇماندارىغا قارىتىلغان بۇ بىر جۈملە سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەردى . بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان جىنايەت گۇماندارى Dzhokhar ئېغىر يارىلانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغان ئاكىسىغا ئوق تېگىپ ئۆلگەن .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن رۇسىيە چېچىندىن بولۇپ ، ئاللىقاچان ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يېڭى كۆچمەنلەر ئىكەن ، قوشنىلىرىنىڭ نەزەرىدە كىچىكى ‹‹ ئالتۇندەك قەلبكە ئىگە ›› ، چوڭى بولسا ‹‹ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن بوكسىيورلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشالىسىلا ، رۇسىيەدىن كېچىشكە رازى بولىدىغان ›› يىگىتلەر بولۇپ، ھېچكىم بۇ ئىككىيلەننى ئامېرىكىنىڭ رەقىبى ، دەپ ئويلىمايدۇ ، بىراق ، ئۇلارنىڭ ئىككى ‹‹ يۇقىرى بېسىملىق قازان بومبا››سى بوستۇندىكى پارتلاش ۋەقەسى ، تېكساستىكى خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى پارتلاش ۋەقەسى ، قورالنى كونترول قىلىش قانۇن لايىھەسى ۋە كۆچمەنلەر قانۇن لايىھەسى قاتارلىق بىر-بىرىگە ئانچە باغلىنىشلىق بولمىغان ‹‹چوڭ ئىشلار ›› نى بىر-بىرىگە باغلاپ قويدى مەنبە . تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
