app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەسەد تارىخى ئۇمەۋىي جامەسىنى بومباردىمان قىلدى

ۋاقتى:2013-04-25 09:53مەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم
\

تۈركىيە ۋاقىت تورى 24-ئاپرېل خەۋىرى
 
  ئەسەدكە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى جامەنىڭ كونتروللىقىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملار ھەر كۈنى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ
 
  ئەركىن سۇرىيە ئارمىيسىغا قاراشلىق تەۋھىد قۇشۇنىنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن قولغا ئالغان تارىخى ئۇمەۋىي جامەسى نىڭ 11 ئەسىردىن بېرى ئىسلام مىراسى سۈپىتىدە قېلىپ قالغان مۇنارى بۈگۈن ئەسەد ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى. 
  سۇرىيەنىڭ ھەلەب رايۇنىدىكى تارىخى ئۇمەۋىي جامەسىنىڭ مۇنارى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئەسەد قۇراللىق كۈچلىرى ئارىسىدىكى تۇقۇنۇشلاردا يىقىتىلدى، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق سۇرىيە ئەرەب ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، 11 ئەسىرىدىن بېرى قېلىپ قالغان تارىخى ئۇمەۋىيە جامەسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئۆكتىچىلەرنىڭ مەسئۇلىيتى دېدى، ب د ت مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۆكتەبىر ئېيىدا " ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىمى جامەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇمەۋىيە جامەسى"نىڭ قوغداش ئاستىغا ئېلىنىشىغا چاقىرىق قىلغان ئىدى. 
 
  ئىنتېرنىتتتا تارقىتىلغان رەسىملەردە مۇنارنىڭ بىر خارابىلىق ئورنىغا چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلدى، جامەنىڭ باشقا تەرەپلىرى ئوق ۋە بومبىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
 
  ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقەنى ئۆكتىچىلەرگە ئارتقان بولۇپ، ئامېرىكا Associated Press ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان ھەلەبتىكى ئۆكتىچىلەردىن مۇھەممەد ئەل-خاتىب بولسا 45 مېىترلىق مۇنارنىڭ تانكا ئوقى بىلەن يىقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.
 
 
  ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سىنغا ئالغان  بومباردىمان قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن قۇراللىق تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئۆكتىچى ئەسكەرلەر ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ بومبا ۋە مەرگەن مىلتىقچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا تەكبىر ئېيتىپ قولىدا بار بولغان يىنىك تىپتىكى قۇراللار بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۋاتىدۇ.
 
  سۇرىيە ئارمىيسنىڭ بومباردىماننى تېخىمۇ بەك ئاشۇرۇشىدىن كېيىن تارىخى ئۇمەۋىيە جامەسىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان خەلق ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى.
 
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىكى بازىغا بارىدىغان يول ئوتتۇرسىدىكى ئىستىراتىگيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان جامەنى ئەسەد كۈچلىرى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا.

 ئۇمەۋىيە جامەسى دەپ تۇنۇلغان بۇ جامە ئۇمەۋىيە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن 715- يىلى قەدىمكى بىزانتىيە چېركاۋىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان ئىدى، جامە 1159-يىلى بىر ئوت ھادىسىسدە ۋە 1260-يىلى موڭغۇل ئىستلاسى جەريانىدا زور دەرىجىدە خاراب قىلىنغان بولۇپ  ، يېڭىدىن رېمونىت قىلىنغان ئىدى. يېقىتىلغان مۇنارنىڭ جامەنىڭ ئەڭ قەدىمى بىر قىسمى ۋە 1090-يىلىدىن بېرى قېلىپ قالغان دەپ قارىلىدۇ. 
(جان پولات)

ئىز تورى www.iz.la


\
\
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس