app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جۇڭگو ياپونىيە ھەربىي كېڭىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ۋاقتى:2013-04-26 09:49مەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم
\
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 25-ئاپرېل خەۋىرى: ياپونىيە ئاخبارات تورى خەۋەر قىلىشىچە، سېنكاكۇ ئارىلى (جۇڭگوچە ئىسمى دىياۋيۈ ئارىلى) ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر بولۇپ، ياسۇكۇنى قەھرىمانلار بۇزۇرگاھىنى تاۋاپ قىلىش يەنە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ (مۇداپىئە ۋازارىتى) پات ئارىدا بېيجىڭدا مىنىستىرلار دەرىجىسىدىكى يىغىن ئېچىپ، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھەسىدە توقۇنۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە ئىچكى كابېنت سۇگا يوشىخىدې 4-ئاينىڭ 24-كۈنى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ سۆھبەتنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى 25-ئاپرېلغا قەدەر بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ياپونىيە جۇڭگوغا ئوتتۇرىغا قويغان. 
سۇگا يوشىخىدې:«ئىككى دۆلەت مۇداپىئە دائىرلىرىنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن سۆزلىشىپ، مۇقىم مۇداپىئە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ ئاشكارىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى زۆرۈر» دېگەن.
نۆۋەتتە، ياپونىيە، جۇڭگو ئىككىلا تەرەپتە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپى يوق ئىكەن.
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(1)
100%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس