
29 يىلدىن بېرى قۇراللىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۈرد ئىشچىلار پارتىيسى(پ ك ك) تۈركىيە زېمىنلىرىدىن ئۇمۇمەتەن چېكىنىدىغانلىقى بىلدۈردى.
پ ك ك غا يېقىن بولغان فىرات ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا كۈرت ئىشچىلار پارتىيسى قۇراللىقلىرىنىڭ 8-ماي چېكىنىش ۋاقتى قىلىپ ئېلان قىلىندى، مەزكۇر ئاگېنتلىقتا بېرىلگەن خەۋەردە، باياناتنى ئوقۇغان كۈردىستان ئىجتىمائى بىرلىكىنىڭ باشقۇرغۇچى ھەيئەت باشلىقى مۇرات قارا يىلان سۆزلىرىدە، "بۈگۈن بۇ يەردە سىلەرگە تۈركىيە ۋە كۈردىستاندىكى بولىۋاتقان يېڭىلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى قارارىمىزنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن توپلاندۇق "دەپ سۆزىنى باشلىدى.
پ ك ك قۇرال تاشلىماستىن دۆلەتتىن ئايرىلىدۇ، قۇرال تاشلىشى ئۈچۈن تۈرمىدىكى كۈرت رەھبىرى ئابدۇللاھ ئوجالاننىڭ قۇيۇپ بېرىلىشنى ساقلايدۇ،
پ ك ك بۈگۈن قاندىلدىن بەرگەن باياناتىدا، تۇنجى قېتىم 1984-يىلى سىرىتنىڭ ئەرۇھ رايۇنىدا تۈركىيە تۇپراقلىرىدا باشلىغان قۇراللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردىغانلىقىنى، 8-مايدىن باشلاپ تەدرىجى ھالدا ئىراقنىڭ شىمالىغا چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پ ك ك بۈگۈنكى باياناتىدا سورالغان نۇرغۇن تېمىلارغا جاۋاب بەردى. بۇنىڭدا " قۇراللىق تەشكىلات قۇراللارنى تاشلىماستىن چېگرا سىرتىغا چېكىنىدۇ، بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىدىغان قەدەملىرىگە قارىلىدۇ، باياناتقا قارىغاندا قۇراللارنىڭ تامامەن تاشلىنىشى ئۈچۈن ئوجالاننىڭ ئەركىن قۇيۇپ بېرىلىشى كېرەك " دېيىلگەن.
قارا يىلان، تەشكىلاتنىڭ چېگرا سىرتىغا چېكىنىش قارارىنىڭ ئوجالاننىڭ نۇرۇز تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنغان نۇتۇقىنىڭ تەسىرى بىلەن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەمدىكى خىزمەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پ ك ك بۇ ھەل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈچ قەدەمدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتتى:
بىرىنجى قەدەم- چېكىنىش، ھازىر ئىجرا قىلىنۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش ۋە قۇراللىق كۈچلەرنىڭ تۈركىيەدىن چېكىنىشى بىلەن بىرىنجى قەدەم ئاخىرلىشىدۇ. ئىككىنجى قەدەم-ھۆكۈمەت ئالىدىغان قەدەملەر، كۈرت مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، يەنى كۈرت خەلقىنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى قوغدايدىغان، ئەركىنلىكىنى قۇبۇل قىلىدىغان، بارلىق كشىلىك ۋە ئېتىقاد، مەزھەبلەرنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، يېڭى بىر دېموكراتىك ئاساسى قانۇن تۈزۈلىشى قاتارلىقلار،،،،. ئۈچىنجى قەدەم-قۇرال تاشلاش، نورماللاشقان خىزمەت دەپ بەلگىلەنگەن ئۈچىنجى قەدەم ،"بۇ خىزمەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بىلەن بىرگە ئۈچىنجى قەدەم بولغان نورماللاشقان خىزمەت باشلىنىدۇ، ئۇ بولسا تىنچلىقنىڭ مەڭگۈ بولۇشى، ئىجتىائى يارىشىش، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك خىزمىتى قاتارلىقلار. يۇقارقى خىزمەتلەر روياپقا چىقىشى بىلەن بىرلىكتە قۇراللار تامامەن تاشلىنىدۇ ۋە ئۇرۇش قىلغۇچىلار قۇرالسىزلاندۇرلىدۇ.
قۇراللىق تۇقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى، مەسىلىنىڭ قۇرال بىلەن ئەمەس سىياسەت ۋە سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان قارا يىلان،" رەھبەر ئاپونىڭ نۇرۇز چاقىرقى بىلەن باشلىغان ئەركىنلىك ھەركىتى دېيىلگەن بۇ خىزمەت پەقەت تۈركىيەدىكى كۈرت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئەمەس، پۈتۈن رايۇنلاردىكى كۈرت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى تۇقۇنۇش ھەركىتنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ قۇرال بىلەن ئەمەس، سىياسەت ۋە سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىنىشقا يول ئېچىلىدىغان بىر مەزگىلنىڭ باشلانغانلىقىدۇ. "دېدى.
