ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كاراكاستا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئەركىن ئىمىرباقى ئالدى بىلەن مادۇرونىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى تاپشۇردى. مادۇرو جۇڭگو ئالاھىدە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت، پۇل مۇئامىلە، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مادۇرو ئۈلۈشكۈن ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا رەسمىي قەسەم بېرىپ زۇڭتۇڭ بولدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەركىن ئىمىرباقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە مادۇرونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەنبە . شىنخۋا تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
