app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چىلى زېمىن مەسىلىسىدە ھەرگىز يول قويمايمىز دەپ تەكىتلىدى

ۋاقتى:2013-04-26 12:43مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم
بولىۋىيەنىڭ 24-ئاپرېل چىلىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى ماجىراسى ھەققىدە گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە رەسمىي مۇراجىئەت قىلغانلىقىغا قارىتا چىلى زۇڭتۇڭى پېينىلا ھۆكۈمەت زېمىن مەسىلىسىدە ھەرگىز يول قويمايدۇ ھەمدە ھەممە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چىلىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دېڭىز ئوكيانلىرىنى قوغدايدۇ دېدى.

    پېينىلا شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىلى ئىجابىي پوزىتسىيەدە سۆزلىشىپ، كونكرېت، يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بولغان ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، بولىۋىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىلى پورتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

    1879-يىلىدىن 1883-يىلىغىچە، چىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، بولىۋىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى كەڭ زېمىنىنى ئايرىۋالغان، بولىۋىيە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بولىۋىيە نۇرغۇن قېتىم چىلى ھۆكۈمىتىدىن تىنچ ئوكياندىكى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن 1978-يىلى چىلى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا باشلىغان.(تامام) مەنبە  .شىنخۋا تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس