سۇمالىينىڭ پايتەختى مۇقدىشودا 14-چىسلا ئۇدا ھۆكىمەت ئورۇنلىرىغا قارتىلغان پارتىلىتش ھوجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ 20دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىز تورى بەك ياخشى
شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىدە ،شۇ كۈنى چۈشتە ،قۇراللىق ئۇنسۇرلار مۇقدىشو رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ۋە رايونلۇق مەمورىي ئىشخانىغا قارتا گىراناي ھوجۇمى ،ماشىنا بومبا ھوجۇمى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خارەكتىرىدىكى ھوجۇم قوزغىغان بولۇپ 9قۇراللىق ئۇنسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان .كېيىن ،قۇراللىق ئۇنسۇرلار موقدىشو خەلقئارا ئايرودورۇمنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ماشىنا بومبا ھوجۇمى قوزغىغان بولۇپ 2ئاددىي پۇقرا ۋە 2تۈركىيە ئادىمى پارتىلتىشتا قازا قىلغان .سۇمالىي ھۆكىمەت قۇراللىق <ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى >بۇ قېتىمقى پارتىلتىش دىلوسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان .سۇمالى زۇڭتۇڭى تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتىگە قارتا ئەيىپلەش ئېلىپ بارغان ،ئۇنىڭ دېيىشىچە <ئىسلام ياشلار ھەركىتى >نىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى <سۇمالىينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تىنىچ مۇقىم بولۇشتەك ئالىي نىشانىنى توسۇيالمايدۇ >دېگەن .زۇڭلى ئابدى.سەيىدمۇ ھوجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىپلىگەن ،ھەم بەخىتسىزلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىغان . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇقدىشۇدا يېقىندىن بويان كۆپ قېتىم تېرورلۇق ھوجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم دىلولارنى <ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى >پىلانلاپ ئېلىپ بارغان ئىكەن .3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۇمالىينىڭ مەملىكەتلىك تىياتىرخانىسىنىڭ ئەتراپىدا ماشنا بومبا ھوجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ 6ئادەم قازا قىلغان ،نۇرغۇن ئادەم يارلانغان .مەنبە . خەۋەر تورى ئىز تورى بەك ياخشى
