21-ئاپرېل ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن باۋشىڭ ناھىيەسىگە كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تاش-شېغىل ئىچىدە قالغان ئۆلكە يولى 210-لىنىيەسىدە جاپالىق ئىلگىرىلىمەكتە
‹‹ يەر تەۋرەش ئاپىتى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو سىچۈەنگە ھۇجۇم قىپتۇ ! ›› يائەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ناھايىتى چۆچۈتتى .
copyright by www.iz.la
تۈنۈگۈن (21-ئاپرېل) گىچە ، بۇ 7.0 بال يەر تەۋرەشتە 186 ئادەم قازا قىلىپ ، 21 ئادەم يوقاپ كەتتى ، 11 مىڭ ئادەم يارىلاندى . ‹‹جان ئالغۇر ئاپەت 2008-يىلى يۈز بەرگەن ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئازابلىق ئەسلىمىلىرىنى ئويغىتىش ›› بىلەن بىرگە ، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى . دۇنيا جامائەتچىلىكى بەس-بەس بىلەن ‹‹ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە بولغان ئىنكاسى تېخىمۇ تېز ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى تېخىمۇ تەرتىپلىك بولدى ›› دېيىشتى . جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىئانە يىغىۋاتقانلىقى ۋە بەس-بەس بىلەن قان تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىلەر چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 21-ئاپرېل : ‹‹ جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىنىڭ 20-ئاپرېلدىكى يەر تەۋرەشكە بولغان ئىنكاسى پۈتۈنلەي قۇتقۇزۇش ، ياردەم بېرىش سادالىرىدىن ئىبارەت بولدى ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشى ئاپەت يۈز بەرگەن رايون ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا ۋەدە بەرسە ، باشقىلار ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ›› دېدى . باشقا دۆلەتلەرمۇ بەس-بەس بىلەن جۇڭگوغا ئىللىق قولىنى سۇندى ، رۇسىيە ، ياپونىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگونى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . يائەن شەھىرىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ ، يەنە بىر قېتىم ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما، يەنىلا مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ياشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە . تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
