app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كاززافىنىڭ 700 مىليون دوللارلىق ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى

ۋاقتى:2013-03-28 12:58مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەسلىدە لىۋىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى كاززافى (Omar Mouammer al Gaddafi) ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا لىۋىيە ئىنقىلابقا دۇچ كەلدى . ئوتتۇرا دېڭىز پاراخوتچىلىق (سۇ تىرانسپورتى) شىركىتى (MSC) شۇئان ئۇنى سېتىۋېلىپ ، بۇ پوچتا پاراخوتىنىڭ چالىسىنى ياساپ پۈتكۈزۈپ ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يېڭى سەپىرىنى باشلاتتى. ئاۋسترالىيە ‹‹ سىدنېي باشلامچى سەھەر گېزىتى ›› يېقىندا بۇ ھەشەمەتلىك پاراخوتقا ئائىت سۈرەت ۋە خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىدى .

  MSC يېقىندا ئىتالىيەدە ئەسلىدە لىۋىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى كاززافى (Omar Mouammer al Gaddafi) غا تەييارلانغان پاراخوتتىن ئۆزگەرتىلگەن كاتتا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان پوچتا پاراخوتىنى ئاشكارىلىدى . ئىگىلىنىشىچە، كاززافىنىڭ ئوغلى خاننىبال 2011-يىلى (لىۋىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇن) پوچتا پاراخوتچىلىق سانائىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم 1751 ئېغىز خانىسى بار ، 600 مىليون 970 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بۇ كاتتا پوچتا پاراخوتىنى ياساشقا تەيىنلەنگەن.

ئىز تورى www.iz.la


  دۇنيادىكى ئەرەب شىركىتى ئىگىدارلىقىدىكى بۇ تۇنجى پوچتا پاراخوتى ئەسلىدە 2012-يىلى دېكابىردا ترىپولىغا يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى . بىراق ئۇ ترىپولىغا بارالماستىن ، ئەكسىچە يېقىندا Sophia Loren تەرىپىدىن ‹‹ئەتىۋار›› دەپ ئىسىم قويۇلغاندىن كېيىن ، ئانا پورت ـــ Genoa تىن چىقىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قىسقا مۇساپىلىك بىر يۈرۈش سەپىرىنى باشلىغان . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

4345 نەپەر پۇلدار يولۇچى ئولتۇرغان بۇ پوچتا پاراخوتى ئىلگىرى ناپلېس ، بارسېلونا، مارسېللارغىچە چارلاپ بارغان. پاراخوتتا جەمئىي تۆت سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ، 26 لىفىت ، بىر دومىلىما توپ مەيدانى ۋە 21 قاۋاق بار ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاراخوتتا يەنە 69 ئېغىز ئۆزگىچە ‹‹سەيلە كېمىسى كۇلۇب يۈرۈشلۈك ئۆيى ›› ، سۇ كۈچى ئۇۋۇلاش كۆلچىكى ۋە ئەينەك پەردە تاملىق مەنزىرىلىك ئارام ئېلىش كارىدورى بار ئىكەن . بۇنىڭدىن سىرت ، پاراخوتتا سىگارت ، دېڭىز ئۈستى ئىتالىيەچە تائاملىرى ، ئەنئەنىۋى ئەنگىلىيەچە چۈشتىن كېيىنلىك چايدىن تارتىپ خۇسۇسىي يىغىلىشقىچە بولغان غوجىدارلىق مۇلازىمەتلىرى تەمىنلىنىدىكەن . غوجىدارلار جەمئىيىتى ساياھەتچىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن . ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 333 مېتىر كېلىدىغان بۇ پاراخوتتا ، يولۇچىلار يەنە سۇ ئۈستى خەتەرلىك تەنھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن ۋە MSC تەمىنلىگەن ئالاھىدە ئۇزۇن سۇدا سىيرىلغۇچنى سىناپ باقالايدىكەن . ئىز تورى www.iz.la

  MSC نى مىليونېر Gianluihi Aponte قۇرغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاراخوت شىركىتى ھېسابلىنىدۇ .

  كاززافى 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر لىۋىيەدە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە .خەلىق  تورى ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس