
ئاپتورى: شۈەن لىتەي (تەرجىمىدە: نەپرەت)
شىمالىي كورىيە بىر تەرەپ، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە بىر تەرەپ بولغان كەسكىن تالاش-تارتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە ئىشلار پەيدىنپەي ئۆتكۈرلەشتى، ۋاقتىنچە پەسەيتىشكە ئىمكان بولمىدى، شۇنداق قىلىپ كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يېقىندا بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، قورققانغا قوش كۆرۈنگەن، دەل-دەرەخلەر ئەسكەر بولۇپ كۆرۈنگەن ئۇرۇش ھارپىسىدىكى كىرىزىس كەيپىياتىغا تولدى. بۇنىڭغا قارىتا، پۈتكۈل دۇنيادىكى كىشىلەر دىققىتىنى ئاغدۇردى: كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟
يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقكى، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى پيوڭياڭ ھەل قىلغۇچ قارارنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا باشلاپ، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيىگە قاراتقان بېسىمىنىڭ سالمىقىنى زورايتقاندىن كېيىن، يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىدە يۇقىرى دەرىجىدىكى پارتلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. ئالدى بىلەن شىمالىي كورىيە ھەمدە ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ يېقىندا ئۆز ئارا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىغا قاراپ باقايلى:
3-ئاينىڭ 22-كۈنى: پيوڭياڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، پانمىنجوم ئالاقە يولىنى ئېتىۋەتتى ھەمدە ئىلگىرىكى جەنۇب، شىمال كورىيىلەر ئىمزالىغان ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ۋە يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.
3-ئاينىڭ 26،27-كۈنى: پيوڭياڭ ئومۇميۈزلۈك ھوشيار ھالەتكە كىردى ئۇرۇش نىشانى جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىلەن بارلىق ئالاقىسىنى توختاتتى. شىمالىي كورىيە ئالىي قوماندانلىق شتابى:«ئامېرىكا ياكى جەنۇبىي كورىيە بىلەن سۆزلىشىش يولى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ جاكارلىدى.
3-ئاينىڭ 28-كۈنى: ئامېرىكا B-2 ئىستراتىگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، جەنۇبىي كورىيىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، «تەھدىتنى ئۇزارتقانلىقى» نى نامايان قىلدى.
3-ئاينىڭ 30-كۈنى: شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى: ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىدە ئەڭ ئىلغار F-22 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە U-2 ئايروپىلانىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان رازۋېتكا ئۇچۇشىنى كۆپەيتتى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە: شىمالىي كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، 12-نۆۋەتلىك ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى 7-قېتىملىق يىغىنىدا ئىككى تەرەپتىن قول سېلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن يادرو قورالى قۇرۇلىشىنى تەڭ تۇتۇشتەك «يېڭى ئىستراتىگىيىلىك يول» نى قارار قىلدى، ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئىدارىسى نيوڭبىيان يادرو ئەسلىھەسىنى قايتا قوزغىتىدىغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىدى.
4-ئاينىڭ 3-كۈنى: شىمالىي كورىيە كائېسوڭ سانائەت رايونىنى تاقىۋېتىمىز دەپ تەھدىت سالدى.
4-ئاينىڭ 5-كۈنى: شىمالىي كورىيە ئەلچىخانىلىرىغا پيوڭياڭدىن چېكىنىش «تەكلىپى» بەردى.
4-ئاينىڭ 8-كۈنى: شىمالىي كورىيە كائېسوڭ سانائەت رايونىنى تاقىۋەتتى.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى: شىمالىي كورىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تىنچلىق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ «ئىسسىق يادرو ئۇرۇشى» نىڭ ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىدىكى چەتئەللىكلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى، جەنۇبىي كورىيىدىكى بارلىق چەتئەل ئورگانلىرى، كارخانىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ پاناھلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
مۇشۇ يەرگە قەدەر، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەستەك بولۇپ قالدى. ئۇرۇش زادى پارتلامدۇ يوق؟
1990-يىلى كەچ كۈزدە، دېڭىز قولتۇقى ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. ئىككى تەرەپ جەڭگە جىددىي ھازىرلىق كۆرۈۋاتقان پەيتتە، ستانفورد ئۇنۋېرسىتېتى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىق كونترول قىلىش مەركىزى يىغىنى ئېچىپ دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ پارتلايدىغان پارتلىمايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشتى. ئالىملار ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئېھتىماللىقى %50 ياكى %70 دەپ قارىدى. مېنىڭچە، دەل ئەگەر ئېغىر كېسەل ئۆلەمدۇ يوق دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى پەقەت بىر بولۇپ، ئۆلىدۇ ياكى ئۆلمەيدۇ، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى پارتلامدۇ يوق دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىمۇ پەقەت بىرلا بولۇپ، پارتلايدۇ ياكى پارتلىمايدۇ. كۆپلىگەن ئالىملار مېنى پەرەز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئەينى چاغدا مەن جاۋاب بېرىپ: ئۇرۇش چوقۇم پارتلايدۇ، دېدىم.
ئەمىسە، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ مېنىڭچە، يېرىم ئارالدا ئۇرۇش پارتلىمايدۇ.
ئۇرۇش پارتلىشىنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبلىرىنى خۇلاسىلەپ باقايلى. قىسقىچە ئېيتقاندا، ئالتە خىل سەۋەب بار: بىرىنچىسى ئىزم ئىختىلاپى ياكى مىللەت، ھوقۇق ئىختىلاپىدىن پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش؛ ئىككىنچىسى ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت ئىنچىكە پىلانلاش ئارقىلىق پارتلىغان ئۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت گۇرۇھنىڭ قارارى بويىچە ئۇرۇش قىلىش ياكى ئىتتىپاق ئەھدى بويىچە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قېلىشى؛ تۆتىنچىسى ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىقى سەۋەبلىك ئۇرۇش پارتلاش (مەسىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى)؛ بەشىنچىسى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ سۇيقەستى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ ئالتىنچىسى ئىككى تەرەپ مەقسەتسىزلا ئۇرۇش قىلىش، يەنى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغاندا خاتا ھۆكۈم چىقىرىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۇرۇش.
سوئال: يۇقىرىقىلاردىن زادى قايسى كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ قارىغاندا پەقەت ئالتىنچى سەۋەب ئېھتىمال كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مېنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن قارىشىمچە، ئالتىنچى سەۋەبمۇ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشىشىنى تىلغا ئالساق، چاۋاك بىر ئالىقاندىن چىقمايدۇ، ھەمىشە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا ئۇرۇش قىلغۇسى بارمۇ يوق دېگەنگە قاراش كېرەك. ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى نېمىلا بولمىسۇن ئىككىنچى مەسىلە، ئىران يادرو مەسىلىسى ئاندىن يوشۇرۇن خەۋپ. يەنە كېلىپ، بۈگۈنكى ئامېرىكىنىڭ مالىيىسىدە نۇرغۇن مەسىلە بار، بىر مەسىلىنى ھەل قىلسا يەنە بىر مەسىلە چىقىۋاتىدۇ، فېدېراتسىيە ۋە ھەر قايسى شتاتلارنىڭ قىزىل رەقىمى ھەددى-ھېسابسىز. ھەتتا پرېزىدېنت ئوبامامۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئاشىنى %5 ئازلاتتى، فېدېراتسىيىسىكى نۇرغۇن خادىملار ئىككى ھەپتە «مۇئاشسىز ئارام» ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى. ئامېرىكا ئەگەر ئىلاجسىز قالمىسىلا، يەنە بىر تۇتۇشۇشقا مالىيە كۈچى يەتمەيدۇ.

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%