app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىراننىڭ تەھدىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا شەرق قورال-ياراق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ۋاقتى:2013-04-23 12:32مەنبە: يوللىغۇچى:kamiLA چېكىلىشى:قىتىم

  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئامېرىكا «نيۇيورىك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا كېلەر ھەپتە ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق جايلار بىلەن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراق كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. ئامېرىكا كېيىنچە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئايروپىلان ۋە بىر قىسىم ترانسپورت سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن مۇداپىئە كۆرۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن. ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى خەيگىر كېلەر ھەپتە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ قېتىمقى سودا كېلىشىمىنى تاماملايدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ KF-135 تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلايدىغان ئايروپىلانى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما، يېڭى تىپتىكى ئىلغار رادار ۋە V-22 تىپلىق ئايروپىلان قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىچىدە يەنە ئىسرائىلىيىگە ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار ئىكەن. «نيۇيورىك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم V-22 تىپلىق ئايروپىلاننى چەتئەللەرگە سېتىپ بەرگەن بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ قېتىمF-16 تىپلىق ئايروپىلاندىن 26 نى سېتىۋالغان. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بەش بۇرجەكلىك بىنا كېلەر ھەپتە ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق جايلار بىلەن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراق كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە . شىنخۋا تورى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس