ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 1-ئاپرېل كۇۋەيت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كۇۋەيت ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېل ئۈچ نەپەر قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ، بۇ كۇۋەيتنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىشى ئىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ ئۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى قاتىللار بولۇپ ، بىرى پاكىستانلىق ، بىرى سەئۇدىلىق ، يەنە بىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئىكەن . كۇۋەيت يەرلىك دائىرىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى نەق مەيدانغا كېلىپ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىغا شاھىت بولۇشقا تەكلىپ قىلغان ، ئۆلۈم جازاسى كۇۋەيت مەركىزىي تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىنغان .
‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› ئارىدىكى بىر مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جەرياننىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تەسۋىرلىگەن . خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئاۋۋال بۇ مەھبۇسنىڭ ئىككى كۆزى ئېتىلىپ ، قوللىرى باغلانغان ، ئۇ تېخى تەلەپ قىلىپ بىر تال تاماكىمۇ چېكىۋالغان . ئارقىدىن باشقا ئىككى مەھبۇس بىلەن بىللە دار سۇپىسىغا ئېلىپ چىقىلىپ ، بوينىغا سىرتماق سېلىنغان ، ئارقىدىن ئۇلار دەسسەپ تۇرغان تاختاي ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن .... مانا بۇ كۇۋەيت ئۇسلۇبىدىكى ئۆلۈم جازاسى .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، كۇۋەيت ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا پاكىستانلىق بىر زەھەر ئەتكەسچىسىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
