ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دۇنيا ئاخبارات تورى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى پەيشەنبە كۈنى ئىككى كۈنلۈك روسىيە زىيارىتىنى باشلىدى، مۇرسى پەيشەنبە كەچ روسىيەنىڭ ۋىچى شەھىرىگە يېتىپ باردى.
مۇرسىيغا روسىيە زىيارىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئېنىرگىيە مىنىستىرى، سانائەت مىنىستىرى، سودا مىنىستىرى، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرى، قاتارلىق بىر قانچە مىنىستىرلار ھەمراھ بولۇپ باردى.
مۇرسى جۈمە كۈنى روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئارىسىدىكى ئىقتىساد، سودا، مائارىپ، تېخنىكا ۋە ئېنىرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ دائىرلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، باشقا ساھەلەردە ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئالاقىلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.
يەنە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرىقتىكى تىنچلىق لاھىيسى ھەققىدە پەرىقلىق بولسىمۇ، سۇرىيەدىكى ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى ۋە سۇرىيەدىكى ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ.
