app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مۇئاز خەتىب : ھېچكىمنىڭ ئىنقىلابنىڭ ئەۋلاتلىرىغا مۇداخىلە قىلىشغا رۇخسەت قىلمايمىز.دېدى

ۋاقتى:2013-04-20 09:57مەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم

\
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 
تۈركىيە ۋاقىت تورى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ سۇرىيە مەملىكەتلىك ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى مۇئاز ئەل-خەتىب 'ھېچكىمنىڭ سۇرىيە ئىنقىلابىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا مۇداخىلە قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز' دېدى. ئىستانبۇلدا ئېچىلغان سۇرىيە ئىچكى تىنچلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خەتىب، نۇسرەت فرونتىنىڭ ئەلقائىدەگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى سەۋەبلىك  غەربلىك كۈچلەردىن "تېرور باھانىسى بىلەن سۇرىيەگە مۇداخىلە قىلىش" تەھدىتلىرىنىڭ بولغانلىق ئىپادىسىنى بىلدۈردى.
"ھېچكىمنىڭ سۇرىيە ئىنقىلابىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا قول ئۇزىتىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز" دەپ سۆز قىلغان خەتىب، ئىنسان قېنىنىڭ ئېقىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلىنى بۇزىدىغان ھەر قانداق بىر ۋەيران قىلغۇچى ئىدىيەنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
خەتىب، تەلەپلەرنىڭ "قورقۇتۇپ ئەمەس، بەلكى قانائەت يولى بىلەن" تىلغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، "ئاڭلاش سەنئىتىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سۇرىيەلىكلەرنى سۆھبەتلىشىشكە ۋە قەلىبلەرنى بىر-بىرلىرىگە قارىتا ئوچۇق تۇتۇشقا چاقىرىق قىلىمەن" دەپ سۆز قىلدى. سۇرىيە-بىرلىكتە ياشاشنىڭ ئۈلگىسى بولىدۇ!
سۇرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى باشلىقى غەسسان ھىيتو، خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سۇرىيەلىكلەرنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىخەتەرلىك ئاستىغا ئېلىنىشىنىڭ، خەلقنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ئەمەلىي قاتنىشىشىغا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھىيتو، "سۇرىيە-بىرلىكتە ياشاشنىڭ ئۈلگىسى بولىدۇ!" دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
گېرمانىيەدىن تېلىۋىزىيە تورى ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان سۇرىيەنىڭ مەشھۇر ئۆكتىچى يازغۇچىسى ئىسلام ئەل-ئەتتار مۇنۇلارنى سۆزلىدى: " قوشنىمىز بولغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۇرىيەگە ياردەم قىلىشقا ئاتلىنىشى ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىدۇر. بۇ غەربلىك ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ياردەمگە چاقىرىشتىن تېخىمۇ ياخشى ۋە پايدىلىق. مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيتى". سۇرىيە ئىچكى تىنچلىق يىغىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تارقاق ھالەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ.
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس