سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسى ئىستراتىگىيىلىك مۇھىم ئۆلكە خۇمىستىكى بىر ھەربىي بازىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالغان ھەمدە سۇرىيە-لىۋان چېگرا رايونىنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.
سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە ھەپتىلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسى پۈتكۈل دابا ھەربىي بازىسىنى كونترول قىلغان. دابا بازىسى ئەسلىدە ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولۇپ، ئەمما ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ چوڭ بازىسىغا ئايلانغان. بازىغا يېقىن جايدا دەمەشىق ۋە ئىككى پورت شەھىرىگە تۇتۇشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولغانلىقتىن، ئىستراتىگىيىلىك مۇھىم جاي دەپ قارالغان.
خۇمىسنىڭ كۆپ قىسىم ئاممىسى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئاللىقاچان قېچىپ چىقتى. تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش باشلانغان ئىككى يىلدىن بۇيان، 70 مىڭدىن ئارتۇق سۇرىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا قورال تەمىنلەش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
copyright by www.iz.la
