كۈز ۋە قىشتا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

ۋاقتى:2012-06-14 10:38مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   مۇتەخەسسىسلەر: كۈز ۋە قىش زۇكام كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ، دېيىشتى.
بىرىنچى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ مۇھىمى چېنىقىشنى، ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇش ۋە بۇرۇن چايقاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرۇن يېپىشقاق پەردىسىنىڭ سوغۇق ھاۋاغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئىككىنچى، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك. ئۆي ئىچىدە پائالىيەت قىلىدىغانلار ئۆي ئىچىگە كۈن نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشى ۋە ھاۋانىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلىشى، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دېرىزىلەرنى دائىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كارىۋات بېشىغا پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان يالپۇز مېيى قويۇپ قويۇش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۈچىنچى، يۇقۇم مەنبەسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك. ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام يامرىغان مەزگىلدە، كىنوخانا، سودا ساراي قاتارلىق ئادەم كۆپ ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. قاچا - قۇچا، لۆڭگە قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
تۆتىنچى، تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. قول بىلەن قولنىڭ ئۇچرىشىشى زۇكامنىڭ تارقىلىشىنىڭ مۇھىم يولى. زۇكام ۋىرۇسى قولياغلىقتا بىر سائەت، قولدا ئىككى سائەتكىچە ئۆلمەيدۇ. زۇكام بولغانلار بۇرۇننى سۈرتكەندە ۋىرۇس قولغا يۆتكىلىدۇ، ئاندىن يەنە بىر قول ھەم قول بىلەن تۇتقان يەرلەردە ۋىرۇس پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، ئىشىك تۇتقۇچى، تېلېفون تۇرۇپكىسى تۇتقاندا شۇ ئورۇنلاردا ۋىرۇس پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، قولنى دائىم سوپۇن بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش، قولنى يۇيۇشتىن ئاۋۋال بۇرۇن ياكى كۆزنى تۇتماسلىق كېرەك.

www.iz.la


بەشىنچى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە، ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشى بىر يىل ئىچىدە ئوخشاش تۈردىكى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.
ئالتىنچى، جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك دورىلىرى، مەسىلەن، گۈل چېيى، قارا شېكەر، زەنجىۋىل، چىلان قايناتمىسى ۋە مۇچ قايناتمىسى ئىچىش، پۇتنىڭ ئاستىغا دورا چاپلاش، بۇرۇنغا ئىچىدىغان سودا تېمىتىش، بۇرۇننى ھوردىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. بۇ ئۇسۇللارنى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى ياكى كۆرسەتمىسى بويىچە قوللانسا بولىدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قانداق قىلغاندا سۆڭەكتە كالىتىسىي كەمچىل بولمايدۇ ؟

    سۈت تەركىبىدە كالىتسينىڭ مىقىدارى يۇقىرى بولغاچقا كىشىلەر سۈتىنى كالىتيىسىي تولۇقلايىدىغان ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق دەپ قارايدۇ . بۇنىڭىدىن باشقا ، پىشلاق ( ئېرىمچىك ) ۋە قېتىقمۇ كالىتىسي تولۇقلايدىغان مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا سۆڭىكى بىلەن بىللە قوشۇپ...

  • نىمە ئۈچۈن سۈگەل پەيدابۇلىدۇ؟

    سۆگەل ئادەتتە تېرە يۈزىدە كۆپرەك ئۇچىرايدىغان ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ بىر خىلى، ئۇ سۆگەل ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ.سۆگەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئىممۇنىتىتنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئىممۇنىتىتى بولۇپمۇ ھۈجەيرە تۆۋەن بولغان كىشىلەر سۆگەل بىلەن ئاسان يۇقۇملىن...

  • چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر

    چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر 1. چاچقا نىلون تارغاق ۋە تىلون چوتكا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى نىلون تارغاق ياكى چوتكا باش تېرىسىگە قارىتا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 2. مايسىزلاندۇرۇشى كۈچلۈك بولغان چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇ خىل چا...

  • سۇنۇق موقۇملاشتۇرۇلغانىدىن كىيىنكى پەرۋىش

    سۇنۇق موقۇملاشقانىدىن كىيىنكى پەرۋىش - سۇنۇقىنىڭ بالدۇر ساقىيىشىدا موھىم رول ئوينايدۇ . شۇڭا ، سۇنۇقىنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەنىدىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم . 1- كۆزتىشكە دېققەت قىلىش - سۇنۇقىنى موقۇملاشتۇرغانىدىن كىيىن ھەر ۋاقىت سۇنۇقىنىڭ يىر...

  • ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك

    ئۇيقۇ كۈچ - قۇۋۋەتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتە زۆرۈر بولغان بولغان دەم ئېلىشتىن ئىبارەت ، يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ ئادەمىنىڭ مىڭىسىنى سەگەكلەشتۇرۇپ ، كۈچ -قۇۋۋۇتىنى ئاشۇرۇشىتىن باشقا ، يەنە كىشلەر بىلىپ كەتمەيدىغان تۆۋەنىدىكى ئاجايىپ ئۇنۇمى بار . سۆڭەكىنىڭ ئۆسۈشىنى تى...

  • شوخلا بىلەن چېچەكسەي مەزى بېزى راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالىدىنى ئالىدۇ

    ئامېرىكىدىكى تەتىقىقاتچىلارنىڭ ھايۋان ئۇستىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتىقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، شوخلا بىلەن چېچەك سەينى قوشۇپ يېسە ، راك كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالىدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، دېيىلىگەن . شوخلا بىلەن چېچەك سەيىنى قوشۇپ ئستېمال قىلغنادا ، يالغۇ...

  • تۈنەپ ئىشلەيدىغانلار سەمىگە

    1- تۈنگەندىن كيىنكى ئىككىنىچى كۈنى چۈشلۈكى بىر سائەت دەم ئېلىشى ، مۇشۇنداق قىلغاندا ، چوڭ مېڭەھۈجەيرىسىنى نورمال ھالەتكە كەلتۇرۇشكە كاپالەتىلىك قىلىغىلى بولىدۇ . 2- تۈنىگەن ۋاقىتتا چوقۇم يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاپ تۇرۇشى ، يەنى كېچىدە ، سۈت ، تۇخۇم ، گۆشلەرنى...

  • ساغلام بولاي دېسىڭىز ......

    ئۇلۇغ غايىنى كۆزلەپ ، كۆڭۈل - كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ ،ئۆمۈتۋار بولۇپ ، غايىڭىزگە يىتىش يولىدا ئەمگەك سىڭدۇرۇپ ، ئوزۇنسىز ئاچىقلىنىش ۋە ھەسرەت چېكىشلەردىن ساقلىنىڭ ، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش ۋە مەدەنىيى تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ھالدا بىرلەشتۇرۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى...

  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...