چىش مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى،شۇنداقلا چىش بىلەن باشقا ئەزالارنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار،شۇڭا چىشنى ئاسىراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.بولۇپمۇ تۆۋەندىكى سەككىز خىل ئادەملەر چىشنى ئاسىراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان ئادەملەردۇر.
1.تېنى ئاجىز بالىلار ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،ئۈچ ياشتىن تۆۋەن ئاغرىقچاق بالىلارنىڭ تېنى ئاجىزراق كېلىدۇ.تۇغۇلغاندا،بەدەن ئېغىرلىقى ئىككى يېرىم كىلوغا يەتمىگەن بالىلارمۇ تېنى ئاجىز بالىلار ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق بالىلارنىڭ بىر-ئىككى يېشىدىن باشلاپلا بەزى چىشلىرى چىرىشكە باشلايدۇ،شۇڭا،بۇنداق بالىلارغا چىشنىڭ چىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2.بالاغەتكە يەتكەن قىزلار،بىر قىسىم قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن،بەدىنىدىكى جىنىسي بەزلەرنىڭ ئىقىتىدارى قالايمىقانلىشىپ،ھەيز كۆرۈش مەزگىلى مۇقىم بولمايدۇ،بۇنداق قىزلاردا ناھايىتى ئاسان ياشلىق دەۋرى چىش ئەتراپى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ،چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىشىشىپ،ئاسانلا قانايدۇ،ئېغىرراق بولغانلىرىدا چىش بوشاپ ئورنى يۆتكىلىش،ئۇدۇل چىش ئارىلىقلىرى كېڭىيىش كېلىپ چىقىپ،گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ،شۇڭا بالاغەتكە يەتكەن قىزلار ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە ھەيز نورمالسىز بولۇش كېسەللىكىنى داۋالىتىشى كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3.ھامىلىدار ئاياللار،كۆپ ساندىكى ھامىلىدار ئاياللاردا دەرىجىسى ئوخشىمىغان ھالدا ھامىلىدارلىق چىش ئەتراپى ياللۇغى كېسىلى پەيدا بولىدۇ،ئاز ساندىكى ھامىلىدار ئاياللاردا چىش مىلىكى قان تومۇر ئۆسمىسى پەيدا بولىدۇ،چىش چوتكىلىغاندا چىش مىلىكى ھەم ئاسانلا چىش ئەتراپى يېرىڭلىق ئىشىشقى ۋە چىش ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ،كونىلاردا بىر بالا تۇغساڭ،بىر قېتىم چىشىڭ چۈشەر)دېگەن گەپ بار.شۇڭا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلىگىرى چوقۇم بىر قېتىم چىشنى تەكشۈرتۈپ تازىلتىش كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ساغلاملىق
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!