يازدا تەرخەمەكنى سۇغا چىلاپ قويۇپ ياكى توڭلاتقۇدا ئازراق سوغۇق ساقلىغاندىن كېيىن، سۇدا يۇيۇپ بىۋاستە ئىستېمال قىلغاندا، ئۇسسۇلۇقنى بېسىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مول، ئۇنىڭدىن باشقا، تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىمنىڭ بىيولوگىيەلىك ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرخەمەكنى سۇدا ئازراق تۇرغۇزۇپ يۇيۇپ، بىۋاستىلا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، توغراپ شېكەر ياكى ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ سوغۇق سەي قىلىپ يېگەندە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، ئۇسسۇلۇقنى باسىدۇ. بۇ سوغۇق سەي سېمىزلەرگە، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار، قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلەر ۋە سۇلۇق ئىششىيدىغانلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. لېكىن تال، ئاشقازىنى ئاجىزلار، قورسىقى ئاغرىپ ئىچى سۈرۈپ قالغانلارنىڭ، ئاشقازىنىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى تەرخەمەكنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق كېلىدۇ.
مەنبە؛ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق