ئەرلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئالتە تەدبىرى

ۋاقتى:2011-09-19 17:33مەنبە: يوللىغۇچى:رىزۋانگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  

 ئەرلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان پىسخىك بېسىمغا ئۇچرايدۇ، پىسخىك بېسىمنى يېنىكلىتىشتە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ:
  1. دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇراڭ رەسىم سىزىش، ھۆسىن خەت يېزىش، شاھمات ئويناش، چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار كىشىگە تۇرمۇشتا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى، مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆڭلىنى ئەركىن - ئازادە تۇتىدىغان ئەرلەر ئىجاد قىلغان.

www.iz.la

  2. دەردىڭىزنى تۆكۈۋېلىڭ. كىشىنى بۇرۇختۇرۇم قىلىدىغان ئىشلارنى كۆڭۈلگە سىغدۇرۇۋەرسە، ئادەمنى جىمغۇرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. دائىم باشقىلارغا دەرد تۆكۈش، بەلكىم تەبىئىتىڭىزگە يات بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما يېقىن دوستىڭىزغا دەردلىرىڭىزنى تۆكۈپ، ئىچىڭىزنى بوشىتىپ، پىسخىك بېسىمىڭىزنى ئورتاقلاشسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
  3. خىزمەت جىددىيلىكىنى پەسەيتىڭ. ئەگەر جىددىي خىزمەت تۈپەيلىدىن بېسىم ھېس قىلغان بولسىڭىز، قولىڭىزدىكى ئىشنى بىر دەم تاشلاپ قويۇپ، بەش-ئون مىنۇت جىمجىت ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋېلىڭ. جىمجىت ئولتۇرغىنىڭىزدا، يۈرەك سوقۇشىڭىز ئاستىلاپ، قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلەپ، روھىي ھالىتىڭىزدىكى جىددىيلىك روشەن ياخشىلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  4. قاقاقلاپ كۈلۈڭ. يۇمۇرلار توپلىمى ياكى كۈلدۈرگە فىلىملىرى قاتارلىق سىزنى كۈلدۈرەلەيدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك كۆرۈڭ. ئىچىڭىزدىن قاقاقلاپ كۈلگەن ۋاقتىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىكى جىددىي كەيپىياتنى قوزغايدىغان بۆرەك ئۈستى بېزى ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشى تېزلىكتە تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
  5. چېنىقىڭ. بەلگىلىك سىجىللىقتىكى چېنىقىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلەتكىلى، پۈتۈن بەدەننى بوشاتقىلى بولىدۇ. بەلكىم، چېنىقىشتىن كېيىنكى جانلىق تەپەككۇرنىڭ تۈرتكىسىدە «كۆڭلىڭىز يورۇپ كەتكەندەك» بولۇپ، سىز يولۇققان قىيىن مەسىلىلەر بىر يولىلا ھەل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاڭ، قارىسىغا چېنىقسىڭىز ئۈنۈمى بولمايدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  6. ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشتا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاياللاردىن قىسقا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۆزىگە زورمۇزور بېسىم يۈكلەش ئاقىۋەتتە كىشىنى زورۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئەرلىك غۇرۇرغا زىيان يەتكۈزگەنلىك بولمايدۇ. گەرچە رېئال تۇرمۇشتا، ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى دەڭسەشتە ئۇلارنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىش - قازىنالماسلىقى ئۆلچەم قىلىنسىمۇ، لېكىن ھەر ۋاقىت ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. ۋاز كېچىشكە توغرا كەلگەندە ۋاز كېچىش كېرەك. ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى تۇرمۇشتا نۇرغۇن تاللاشلار بولىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


                                                                                                 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
75%
ئالقىشلايمەن
(2)
25%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...