ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئادەم بەدىنىدە قېرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشتىكى سەۋەب، مېڭىنىڭ يىگىلىشى، تىلنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە چىراي ئىپادىسىنىڭ جانسىز بولۇشى ئىكەن. ياپونىيە ئالىملىرى 800 پىدائىينى تەكشۈرگەن، تەكشۈرۈلگەن بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ئەتىگەن – كەچتە تىلىنى مەقسەتلىك ھەرىكەتلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تىلىنى ئىمكانقەدەر ھەرىكەتلەندۈرمىگەن. www.iz.la
بۇنداق سىناق يېرىم يىلچە داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئالىملار ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ كېيىنكى گۇرۇپپىدىكىلەرگە قارىغاندا جانلىق بولغانلىقىنى، ئىنكاسىنىڭمۇ كېيىنكى گۇرۇپپىدىكىلەردىن تېز بولغانلىقىنى بايقىغان. ئالىملار بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن، دورا يېمەيمۇ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدىغان ئۇسۇلغا ئېرىشتۇق، دېگەن. مۇشۇ تەتقىقات ئاساسىدا، ياپونىيە ئالىملىرى كىشىلەرگە ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تىلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئىز تورى www.iz.la
گۈلگىنە مەسغۇت تەرجىمىسى