تۇرسۇنتاي تۇرغان
ئىز تورى www.iz.la
نۇرغۇن كىشىلەر MP3، يان تېلېفون، رادىئو قاتارلىقلاردىن ناخشا – مۇزىكا، خەۋەر ئاڭلىغاندا تىڭشىغۇچ ئىشلىتىدۇ، ئادەتتە تىڭشىغۇچنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ئاز، ۋاقتى قىسقا، ئاۋازى تۆۋەنرەك بولسا ئادەمگە زىيىنى بولمايدۇ. ئەكسىچە تىڭشىغۇچنى ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپ، ۋاقتى ئۇزاق، ئاۋازى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بەدەنگە بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر كەچلىكى تىڭشىغۇچنى قۇلىقىغا سېلىپ قويۇپ ئۇخلايدۇ، ئاۋازىنى يۇقىرى تەڭشىۋالىدۇ، بۇنىڭ قۇلاق، مېڭىگە تەسىرى چوڭ بولىدۇ. تىڭشىغۇچنىڭ تەۋرىنىش پەردىسى بىلەن قۇلاقنىڭ تەۋرىنىش پەردىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق يېقىن بولغانلىقتىن، ئادەم قوبۇل قىلغان تاۋۇشلار تىڭشىغۇچنىڭ تەۋرىنىش پلاستىنكىسىغا يىغىلىپ، قۇلاق پەردىلىرى قوبۇل قىلغان ئاۋاز قۇلاقنىڭ ئاڭلاش پەردىسىنى كۈچلۈك تىترىتىدۇ – دە، ئاۋازنىڭ تەسىرى بىر يەرگە مەركەزلىشىپ، ئاڭلاش نېرۋىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تەسىرنىڭ كۈچى بەك كۈچلۈك، ۋاقتى ئۇزاق بولسا، كىشى ئاسانلا ئۇيقۇسى قاچىدىغان، چوڭ مېڭىدە ئۇزاققىچە ئاۋازنىڭ ئەكس ساداسى قالىدىغان، بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاپ، قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا قۇلاق ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تىڭشىغۇچنى قۇلاققا سېلىپ، MP3، رادىئو ئاڭلايدىغان ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى، ئاۋازىنى بەك يۇقىرى تەڭشىمەسلىك كېرەك. www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!