تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بويۇندىكى مۇسكۇل، نېرىپ ۋە قان تومۇرلار قېتىشىپ قالىدۇ – دە، يېنىك بولغاندا بويۇن كۆيۈشۈپ ئاغرىيدىغان، قېتىۋالىدىغان، مۈرە ئەتراپى ئاغرىيدىغان، بارماقلار ئۇيۇشۇپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دائىرىلىك بويۇن ئومۇرتقىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا، باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، كۆڭۈل ئاينىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا ئاستا خارەكتېرلىك بوغۇم كېسەللىكلىرىنى ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
www.iz.la
مۇتەخەسسىسلەر ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ بويۇن، بەل ۋە دۈمبىگە توغرىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا پائالىيەت قىلغاندا، ئامال بار ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرماسلىق، پات – پات ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش، بولۇپمۇ بوغۇم ئاسراش ھەرىكەتلىرىنى كۆپرەك قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئامال بار ۋاقىتنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاق ئېچىپ قويماسلىق كېرەك.
سەيپىدىن قادىر تەييارلىغان بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن