كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالتە خىل ئادەت

ۋاقتى:2011-09-17 16:13مەنبە: يوللىغۇچى:رىزۋانگۈل چېكىلىشى:قىتىم
   يېقىندا ئامېرىكىلىق ساغلاملىق ئىلمى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئېرىكا شۇرسنىڭ: «كېسەل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالتە خىل ئادەت» دېگەن ماقالىسى ئامېرىكىنىڭ «ياخو ئاياللار تورى»دا ئېلان قىلىندى. بۇ ئالتە خىل ئادەت تۆۋەندىكىچە:
 1. ئاپتاپ سۇنماسلىق. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتاپ سۇنغاندا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، مەزى بېزى كېسىلى، قول-پۇت، ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش ۋە راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. داۋاملىق ئاپتاپ سۇنۇپ تۇرماسلىق، بۇ كېسەللەرنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
 2. باكتېرىيەگە قارشى سوپۇن ياكى يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش. باكتېرىيە گەرچە كىشىلەردە كېسەل پەيدا قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئادەم بەدىنىنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى قوغدىنىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. باكتېرىيە يوقىتىدىغان سوپۇن ياكى يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە زىيادە بېرىلگەندە، بەدەننىڭ باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى، تېرىنىڭ زىيادە سېزىم رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
 3. كۆپ ئۇخلاش. ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى، ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەر، ئاسانلا يۈرەك كېسىلى، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولسىلا، بىر كۈنلۈك خىزمەتكە بەرداشلىق بېرىشكە كۇپايە بولىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 4. ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆپ ئىشلىتىش. كۈن بويى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغاندا، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى، بولۇپمۇ نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىرى ۋە ئانافىلاكسىيە كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدىكەن. بىر قانچە سائەتتە بىر قېتىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ياكى سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، ئىلمان سوپۇن سۈيى بىلەن سۈزگۈچ تورىنى پاكىز يۇيۇۋېتىش لازىم ئىكەن.
 5. ئورگانىك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش. بەزى ئورگانىك يېمەكلىكلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى كۆپ بولۇپ، ئۇلارغا نۇرغۇن خۇرۇج قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. يېمەكلىك ئورگانىك بولسىلا، ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇشى ناتايىن، شۇڭا تەركىبى ئاددىي، شېكەر، تۇز تەركىبى تۆۋەن ھەم پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپلىرى ئازراق يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك.
www.iz.la

 6. ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كېتىش. ھەر كۈنى چوقۇم 30 - 40 مىنۇت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر ئەمەس، ئۇنداق قىلغاندا، بوغۇملارنىڭ ئۇپرىشى ئېغىر بولىدۇ. كۈن ئارىلاپ بىر قېتىمدىن ھەرىكەت قىلسا ياكى سەيلە قىلىپ بەرسە ياخشىراق بولىدىكەن.

                                                                                                                            مەنبە؛ " خەلق تورى"
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...