كېرىلىش: ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا مۇسكۇل ھەرىكىتى ئازلىغانلىقتىن ، مۇسكۇلدىكى قان تومۇرلارغا نۇرغۇن قان يىغىلىپ قالىدۇ– دە ، يۈرەككە قايتىدىغان قان نىسبەتەن ئازىيىپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ماغدۇرسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق چاغدا تازا بىر كېرىلىۋالسا چارچاشنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ . www.iz.la
ئەسنەش: بەك چارچاپ كەتكەندە ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئېشىپ كەتكەندە ، قاندىكى كاربون تۆت ئوكسىدى كۆپىيىپ كېتىدۇ . بۇنداق چاغدا بىر ئەسنىۋالسا كۆكرەك كېڭىيىپ، ئوكسىگىن سۈمۈرۈلىدۇ. مۇسكۇللار بوشاپ قاندىكى ئوكسېگىن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ نىسبىتى تەڭشىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ھارغىنلىق تۈگەپ تېتىكلىشىپ قالىدۇ .
كۆز قارىچۇقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش: كۆز قارىچۇقلىرىنى ئوڭدىن بىر نەچچە قېتىم سولغا، سولدىن ئوڭغا بىې نەچچە قېتىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە، كۆز ئالمىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆرۈش نېرۋىسى، ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ سېزىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، كۆرۈش نېرۋىسى، ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ دۇغلىنىشى، گىلاۋكوما، كاتاراكتا، يىراق ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كۆز كېسەللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈزنى ئۇۋىلاپ بېرىش: يۈز قىسمىنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، يۈز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتكىلى، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىپ، ھۆسىن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
قورساقنى سىيلاپ بېرىش: قورساقنى يېنىك سىيلاپ بەرسە، قورساق بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساقنى سىيلاپ بەرسە ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. قان تومۇر قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە قان–تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قورسىقىنى سىيلاپ بەرسە، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قۇلاقنى ئۇۋۇلاپ بېرىش : ئىككى قولى بىلەن قۇلاق سۇپرىسىنى بوش تۇتۇپ ، ئالدى بىلەن ئالدىدىن كەينىگە ، ئاندىن كەينىدىن ئالدىغا بىر قانچە قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قۇلاق ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان