ھەر قانداق ئادەم زۇكامدىن خالىي بولالمايدۇ،كىچىكىمىدىنلا ئاۋاق.ئاجىز بولغاچقىمىكىن،خېلى ئىش ئوقۇپ قالغان چاغلىرىمغىچە ھەر ئايدا دېگۈدەك زۇكام بولماي قالمايتتىم،ھەر قېتىم ھەپتە-ئون كۈنلەردە ئاران ياخشى بولۇپ قالاتتىم،ھەر خىل دورىلارنى يەپ،ئاسما ئوكول ئۇرغۇزاتتىم،شۇنداقتىمۇ ياخشى چارە تېپىلمىغانىدى.
بىر قېتىم پاراڭدىن چىقىپ بىر ئاغىنەم ئېرتيەنيۇ (三天油)مېينىڭ زۇكامغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى،ئەمما زۇكام يېڭى باشلانغاندىلا ئىشلتىش لازىملىقىنى ئېيىتتى.ئاڭلىسا قۇلاققا پايدا،دېگەندەك شۇ كۈنىلا ئېرتيەنيۇ مېيىدىن سېتۋېلىپ،زاپاس قويۇپ قويدۇم.
بىر كۈنى سىرتنى ئايلىۋېتىپ شامالدارىپ قالدىم،ئىككى قېتىم چۈشكۈردۈم،دىماقىلرىم سەل پۈتۈپ قالغاندەك قىلدى، ئىش ئەپلەشمىگىننى بىلىپ،دەرھال ئۆيگە قايتىپ ھېلىقى ئاغنەمنىڭ دېگىنى بويىچە ئېرتىيەنيۇ مېيىنى بارمىقىمغا تېمىتىپ بۇرنۇمنىڭ سىرتىغا سۈردۈم-دە،ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈچەپ نەپەس ئېلىپ،ئېغىزىمدىن نەپەس چىقاردىم،كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى.بۇنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاپ،بۇرنۇمنىڭ سىرتىغا سۈردۈم-دە،ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈچەپ نەپەس ئېلىپ،ئېغىزىمدىن نەپەس چىقاردىم،بۇنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاپ،بۇرنۇمنىڭ بىر تۆشكۈنى ئېتىۋېلىپ بىر تۆشۈكتىن كۈچەپ نەپەس ئېلىپ،ئېغىزىمدىن نەپەس چىقاردىم... تورداشلار سىلەرمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭلار چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىلەر..... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن