كۆپلىگەن بەل-پۇت ئاغىرقى بىمارلىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالانغان،كېسىلى ياخشىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بەل پۇت ئاغرىقى ئازابىنى تارتىشقا باشلايدۇ.
بۇ بىمارلارنىڭ نۇرغۇنلىرى سۆڭەك كېسەللىكى دوختۇرىنىڭ قايتا-قايتا تەكىتلەپ؛داۋالانغاندىن سىرت،كەچتە قاتتىق كارۋاتتا ئۇخلاڭ،بىلىڭىزگە ياستۇق قويۇۋېلىڭ،دېگەن گېپىنى قولقىدا تۇتمايدۇ ياكى ئۇنىڭىغا سەل قارايدۇ.بەلگە ياستۇق قويغاندا بەل ئومۇرتقىلىرىنىڭ فىزىئولوگىيلىك نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى،كۈندۈزدىكى ھارغىنلىق كەلتۈرۈپ كېتىشدىن ساقلىنىپ بەك مۇسكۇلىنى بوشاتقىلى بولىدۇ-دە،كەچتە ئوبدان ئارام ئالغىلى ھەم داۋالاش ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
بەل مۇسكۇلى بوشىغاندىن كېيىن قان ئايلىنىشمۇ ياخشلىنىدۇ،بۇ چارچىغان مۇسكۇللارنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشگىمۇ پايدىلىق ھەمدە مۇسكۇلنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە كېرىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.بەل ئومۇرتقىسى ۋە تۆۋەندىكى كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ پرىسلانما سۇنۇقنى بەلگە ياستۇق قويۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ساقايتىقىلى بولىدۇ.بۇ ئۇسۇل زەخمىلىك بەل ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.بەل تەخسىسى كېسەللىكى بىمارلىرى بېلىگە ياستۇق قويسا،ئومۇرتقىلار ئارسىدىكى بوشلۇق كېڭىيىپ،ئومۇرتقا تەخسىسىگە چۈشىدىغان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ.يۇلۇن نېرۋىلىرى ۋە نېرۋا يىلتىزىغا بولغان بېسىمنى تۈگىتىدۇ-دە،بەل-پۇت ئاغرىقى پەسىيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ساغلام كىشىلەرگىمۇ بەلگە ياستۇق قويۇپ ئۇخلاش ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرۈشنىڭ زەرەرى يوقلۇقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،بەلگە ياستۇق قويۇشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق؛ئوڭدا يېتىپ ئون سانتېمېتىر قېلىنلىقىتىكى يۇمشاق ياستۇقنى بېلىڭىزگە،يەنى بەلنىڭ ئاغرىغان قىسمىغا راھەت ھېس قىلىغۇدەك ھالەتتە تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ،لېكىن چوقۇم قاتتىق ياغاچ كارىۋاتتا يېتىشىڭىز كېرەك،پۇرژىنلىق كارىۋات ۋە باشقا يۇمشاق كارىۋاتلار يارىمايدۇ.دەسلىپىدە كۆنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.بوشاشماي بىر ئاي داۋاملاشتۇرىسىڭىز ئاندىن ئۈنۈمنى كۆرەلەيسىز.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بەل-پۇت ئاغرىقىڭىز كۆرۈنەرلىك يىنىكلىگەن ياكى بېسىققاندا،ياستۇقنى ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.بىراق قاتتىق كارىۋاتتا داۋاملىق يېتىڭ. ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە؛ھاياتلىق ژۇرنىلىدىن ئېلىنىدى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!