كۆزىڭىزگە يىڭناسقۇ چىقىپ قالسا

ۋاقتى:2011-09-09 11:11مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
   يىڭناسقۇ بولسا قاپاق گىرۋەكلىرىدە كۆپ كۈرىلىدىغان ،ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدىغان ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك بۇلۇپ ،خىلتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ،بۇلۇپمۇ قان ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ،شۇ ئۇرۇنغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاددىي ئۇسۇللارئارقىلىق بىز ئۇنى داۋالاش مەخسىتىگە يىتەلەيمىز.
1.شېشىگە قىززىق سۇ ئېلىپ ياكى پاكىز لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ ،كۈنىگە بىر قانچە قېتىم 5~10 مىنۇتتىن قاپاققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
2.پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويىۋىتىپ ،قول ياغلىققا ئوراپ،يىڭناسقۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ،ئىسسىق سۇغا چىلانغان پاكىز لاتا بىلەن بىر قانچە قېتىم سۈرتۈپ بەرسە ،يىڭناسقۇ ئوڭايلا يوقاپلا كىتىدۇ. www.iz.la
3.قوينىڭ دۈنبە يېغىنى ئوتتا قىزىتىپ ،يىڭناسقۇ ئۈستىگە قويسا ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.
4.بۇغداينى چايناپ ،يىڭناسقۇ ئۈستىگە چاپسا ،ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ.
5.ھەرە كۆنەرگىسىنى سۇدا ئىزىپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا،پايدىلىق تەسىر بىرىدۇ.
6.ماشنى چايناپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا ،ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ.
7.ئەگەر يىڭ ناسقۇ قېپى ئاقىرىپ يىرىڭ يىغقانلىغى بىلىنسە ،قولنى پاكىز يۇيۇپ ئېھتىيات بىلەن سىقىلسا ،يىڭناسقۇ قېپى ۋە يىرىڭ چىقىپ كېتىپ ،تېزلا ساقىيىدۇ.
يۇقارقى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا يۇقارقى ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ كەلگەن ،ئۇندىن باشقا بۇرۇن چوڭلاردىن مەن كىچىك ۋاقىتلاردا ئاڭلايدىغان ،ئەگەر كۆزگە ۋە كۆزنىڭ ئەتىراپىغا بىر نەرسە چىقىپ قالسا ،بىر تال ئىنچىكە يىڭنىنى چاشقا باغلاپ كۆز ئالدىغا  ئېسىۋالسا ،چىققان نەرسە يوقاپ كىتىدۇ دەيدىغان ۋە مۇشۇنداق قىلىپ ئۈنىمىنى كۆرگەنلەرمۇ بولغانكەن.بەلكىم بۇنىڭمۇ بەلگۈلۈك ئىلمىي ئاساسى باردۇر.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تەييارلىغۇچى:ئەلشىپا ئۇيغۇر تىبابەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...

  • تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ !

    تاماقتىن كېيىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . تاماقتىن كېيىن تاماكا چەككەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چ...

  • ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ...!

    مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان نورمال سەيلە ساياھەت جاپا مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىر...

  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى

    ئورۇقلاش ناھايىتى جاپالىق جەريان، بۇ جەريان قىزلاردىن قاتتىق ئىرادە ۋە غەيرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۆتكەلدىن قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ئورۇقلاۋاتقان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلاۋاتغان قىزلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بولىدۇ.......... 1. ھەر...

  • تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئاسرىغىلى بو

          ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تىلنى چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭە، يۈز نېرۋىلىرىنى ۋاسىتىلىك غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى ئاستىلاتقىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز نېرۋىسى، مۇسكۇللارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقى...

  • ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسەللىكى

         تومۇز ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىۋېتىلگەن جايدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا تەر بەزلىرى ئاسانلا ئېتىلىپ قالغاچقا، ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداق شارائىتتا  ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ھەرىك...

  • كولانى كۆپ ئىچسە مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدۇ

       ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزۇن مۇددەت كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە ، مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن ، ھەتتا مۇسكۇلنى زەخمىلەندۈرىدىكەن . چۈنكى ، تەركىبىدە قەنت ۋە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكل...

  • سېمىزلىك ۋە تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ

    تاماكا چېكىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، تاماكا چېكىش بىلەن سېمىزلىك خروموسوما تېلومېرىنى قىسقارتىپ ، ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قېرى...