维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
维吾尔教育网 باش بەت خەۋەرلەر مۇلاھىزە مەزمۇننى كۆرۈش

ئەزەر بەيجان روسچە ئىسىملارنى مەنىي قىلماق ...

2013-3-10 21:45| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 124| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان

قىسقىچە مەزمۇنى: ئەزەر بەيجان روسچە ئىسىملارنى مەنىي قىلماقچىمۇ؟ «مارىيە ، يېكاتىرنا ، ئولىيا، ئالىكساندىر، دىمىتتىرى ياكى ...
ئەزەر بەيجان روسچە ئىسىملارنى مەنىي قىلماقچىمۇ؟
   «مارىيە ، يېكاتىرنا ، ئولىيا، ئالىكساندىر، دىمىتتىرى ياكى ئالىيە كەبىي روسچە ئىسىملارنى پەرزەنتلەرگە قويۇش چەكلىنىدۇ» دىدى ئەزەربەيجان سۆزلۈك كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيئالى سادىق.
   سەيئالى خانىمنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بەزى ئىسىملار كىشلەرگە مۇستەقىل ئەزەربەيجاننى ئەمەس بەلكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن . ئەزەر بەيجان ھۆكۈمىتى ئۆز مۇستەققىلىقىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن روسچە ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىگەن.
 مەلۇم بۇلىشىچە بۇ چەكلىمە  پەقەت ئازەر مىللىتىلىگىلا مەنسۇپ بولۇپ ئەزەربەيجاندىكى روس ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلمىغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەزەربەيجاندا كىشى ئىسىملىرىنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ پاسپورت ۋە نۇپۇس باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن ھاجى نەجەف گۈل ئوغلى مۇھەممەد يۇنۇس سىراجى ئەخمەت كەبى قوش ئىسىملار بۇندىن كىيىن نۇپۇسقا ئېلىنمايدىكەن. سۆزلۈك كومىتىتىنىڭ بۇ تەكلىپىگە ئاساسەن بالىغا ھاجى، نەجەف، گۈل ئوغلى، دىگەن ئىسىملارنى قويۇشقىلا رۇخسەت قىلىنغان. بىردىن ئارتۇق سۆزنى بىر بالىغا ئىسىم قىلىش چەكلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە  ئەزەربەيجاندىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئارقىغا ئوۋ ، ئوۋا قاتارلىق روس تەسىرىدە  سىڭگەن ئەر ئايال پەرىقلەندۈرۈش قوشۇمچىلىرىنى
 قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپى پىرىزدىىنتقا سۇنۇلغان . بۇندىن بۇرۇن تاجىكىستان پىرىزدىنتى ئىمام ئەلى راخمانوف مەملىكەت بويىچە پەرمان جاكارلاپ بارلىق ئىسىملارنىڭ ئارقىدىكى ئوۋ ، ئوۋا قوشۇمچىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكىنى قانۇنلاشتۇرغان ۋە شۇندىن باشلاپ ئىمام ئەلى راخمان بولغان ئىدى.  بۇ تاجىكىستاندا مىللەتچىلىك كۈچلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەزەربەيجاندىكى روسچە يەر ناملىرىلا ئەمەس  ھەتتا ئەرەبچە ۋە پارىسچە سۆزلۈكلەرمۇ ئازەرى تىلىدىكى سۆزلۈكلەرگە ئالماشۇرۇلدى. خۇسۇسەن لۇغەت سۆزى ھازىر سۆزلۈك دەپ ئاتىلىدىغان ، جۈملە سۆزى سۆزلۈك دەپ ئېلىنىدىغان سامالىيۇت ئۇچاق دەپ چىپتىنى بېلەت دەپ ئاتاش ۋە بەزى ئاتالغۇلارنى ئىمكان قەدەر ئېراندىكى ئەزەربەيجانلار بىلەن ئورتاق مەنادا ئىشلىتىش تەشەببۇسى بويىچە بىر قارار ئۇقتۇرۇشلار چىقىرىلغان. ئەزەربەيجاندىكى بەزى ئالىملار تىلنى تۈزەش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بەزىبىر ئەندىزىلىرىدىن پايدىلىنىش تەكلىپىنى بەرمەكتە. يەنە بەزىرلەر بولسا سۆزلۈكلەرنىڭ مول بولىشى ئازەرى تىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىل. بار سۆزلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرى يوق بىر ئەسىردىن كۆپرەك مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان ياش مۇستەقىل مەملىكەت ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىمى كىشلەرنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدىكى سىياسىي ئاڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ، مەدەنىي ئېڭىنى ئويغۇتۇش تېخىمۇ مۇھىم. 


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ