维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇ ...

2013-3-9 09:31| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 166| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئوكيان تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلدىدۇنيا ئاخبارات تورى 8-مارت خەۋىرىئسرائىلىيە ساقچلىرى جۈمە ...


ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلدى
 
دۇنيا ئاخبارات تورى 8-مارت خەۋىرى
 
ئسرائىلىيە ساقچلىرى جۈمە نامىزىدىن كېيىنكى ئادەملەر توپىنى تارقىتىش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىچىگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى، بۇ تۇقۇنۇشتا ئۈچ كىشى يارىلاندى.
نەخ مەيداندىكى دائىرلەردىن ئىگىلىنىشچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا كىرىپ جامائەتنى تارقىتىشقا ئورۇنغانلىقى، جامائەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنى مەسجىد ھويلىسىغا كىرىشىنى رەت قىلغاندا ئىسرائىل ئەسكەرلىرىنىڭ سۇلياۋ ئوق بىلەن ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىنلىك بىر مۇخبىر ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ ئادەم يارىلاندى دېدى.
مەسجىدى ئەقسا ئىچىدىكىلەر" قانلىرىمىز بىلەن، جانلىرىمىز بىلەن سېنى قوغدايمىز ئەي ئەقسا!" دەپ شۇئار توۋلىدى. 
سۇلياۋ ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەن ئىسرائىل ئەسكەرلىرىگە قارشى مەسجىد ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئاتقان جامائەت ئىچىدىكى ئاياللار ئىسرائىل كۈچلىرى تەرىپىدىن قوغلانغانلىقىنى ۋە تۇقۇنۇشنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىل ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئوق تېگىپ ۋە تۈنۈگۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان بىر ياشنىڭ جىنازە نامىزى بۈگۈن غەربى تەرەپتە ئوقۇلىدۇ. جىنازە نامىزى جەريانىدا يېڭى ۋەقەلەرنىڭ چىقىشى مۇمكىنچىلىكى بارلىقى بىلدۈرۈلدى، مەسجىدى ئەقساغا ئېتىلغان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ئايال ھۇشىدىن كەتتى.

دۇنيا ئاخبارات تورىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە؛ ئىسرائىلىيەلىك ساقچىلارنىڭ مەسجىدى ئەقسا ئىچىدە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ياغلىقىنى مەجبۇرى ئېلىۋەتكەنىكى بىلدۈرۈلدى،  "ئەل-ئەقسا ۋەقفى ۋە مەدەنىيەت مىراس ئىدارىسى"تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ خەۋەردە بىر ئىسرائىل ساقچىسىنىڭ مەسجىدى ئەقسادا بىر قىز ئوقۇغۇچىغا ھۇجۇم قىلىپ ياغلىقىنى مەجبۇرى ئېلىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


مەزكۇر خەۋەردە،ئىسرائىليەلىك بىر پۇخرانىڭ مەسجىدى ئەقسا ھويلىسىدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىنى رەسىمگە تارتىشقا ئورۇنۋاتقاندا، قىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ساقچىلارنىڭ كېلىپ ئارىلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى،  
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىسرائىلىيەلىك ساقچىنىڭ" خەلقئارالىق ئىلىم مەجلىسى"دە دەرس ئوقۇيدىغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ يارىلانغانلىقى، ۋە مەسجىد ئىچىدىكى تىببى خادىملارنىڭ ئۇ ئوقۇغۇچىنى داۋالىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى،

بىر ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەر ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقسا ھويلىسىدا قۇرئان كەرىم ئوقۇش ئۈچۈن توپلانغان قىز ئوقۇغۇچىلارغا قول ئۇزاتقانلىقى، ۋە بۇ جەرياندا بىر ئىسرائىل ساقچىسى بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن قۇرئانغا ھاقارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇلار بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم قىز-ئاياللارنىڭ ياغلىقلىرىنى مەجبۇرى ئېلىۋەتكەن ئىدى.
(جان پولات)



ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ