维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» تەشك ...

2013-3-20 07:12| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 93| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: شىنخۇا تورىنىڭ 18 – مارت ئىستامبولدىن بەرگەن تېلېگراممىسى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋەكىلى 18 – چىسلا تۈركىيە ئىستام ...
شىنخۇا تورىنىڭ 18 – مارت ئىستامبولدىن بەرگەن تېلېگراممىسى  سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋەكىلى 18 – چىسلا تۈركىيە ئىستامبولغا يىغىلىشىپ، «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» قۇرۇپ، ھازىر ئۆكتىچىلەر قوراللىقلىرى تىزگىنلەۋاتقان رايونلارنى باشقۇرۇشنى پىلانلىدى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا سۈرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى خاتىب رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ 12 نەپەر ۋەكىلى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زوڭلى» لىقىنى تالىشىپ رىقابەتلىشىدۇ، سايلام نەتىجىسى 19 – چىسلا ئاشكارىلانماقچى. يۇقىرىقى نامزاتلارنى سۈرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى مەزھەبلەر ئېتىراپ قىلىدىغان ۋەكىللەرنى نامىنى ئاتاپ كۆرسىتىدىكەن.
سۈرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى خالىد سالىھ مۇنداق دىدى، سايلاپ چىقىلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە «زوڭلى» لار سۈرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەمدە سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر تىزگىنلىۋالغان رايوندا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇدۇ.
ئۇ مۇنداق دىدى، ئەگەر «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» مۇۋەپپىقىيەتلىك تەشكىللىنىپ قالسا، ئۆكتىچىلەر «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» ئارقىلىق باشار ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي جەھەتتە قارشىلىشالايدۇ.
«ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» قۇرۇشنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تەسىرى بار يوقلۇقى سورالغاندا، سالىھ مۇنداق دىدى، ھازىر سىياسىي يول بىلەن سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىن ھېچقانداق ئۈمىد يوق.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ