شىنخۇا ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى : ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ دىيىشىچە، ھىندىستانغا قاراشلىق كەشمىر شەھىرى سىرىناگاردىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى 13-مارت قۇراللىق توپىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 5 نەپەر ساقچى ۋە 2 نەپەر قۇراللىق توپىلاڭچى ئۆلگەن. بىر ھىندىستان ساقچىسى، 25 نەپەر مەركىزى ئارقا سەپ ساقچى قىسمىغا قاراشلىق كىچىك ئەتىرەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، 2 نەپەر توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش شەكلىدىكى ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 4 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 7 نەپەر ساقچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كەشمىر رايونىغا شۇ يەردىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان قوراللىق تەشكىلات «جىھادچىلار پارتىيىسى» بېكىنىۋالغان بولۇپ، يىقىنقى يىللاردىن بىرى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئازايغان. 2010-يىلى كەشمىردە ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە ئايغا سوزۇلغان قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ، 100دىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. |