روسىيە ئاۋازى تورى 15-مارت خەۋىرى:
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرزىدىنتى
بەرەك ئوباما 14-مارتتا ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا، ئىران
تەخمىنەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن سەرپ قىلىپ يادرو قوراللىرىنى
تەرەققىي قىلدۇرىدۇ دېگەن. ئوبامانىڭ قارىشىچە، ئىران يەنە بىريىلدىن
ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ھەقىقىي يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياساپ
چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئىراننىڭ
يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تاشقى ئىشلار تىرىشچانلىقىنى
توسۇش مەغلۇپ بولسا، ھەرقانداق بىر ئېھتىماللىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر
تاشقى ئىشلار يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولسا، بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىل
داۋاملىشىدىغان ئۇسۇل بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، يەنىلا بارلىق
تاللاشلارنىڭ ئېھتىماللىقى بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئامېرىكا پىرزىدىنتى كېلەر ھەپتىدە
ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئوباما بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى
سۆھبەتلەشكەندە، ئىراننىڭ يادرو پىلانى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى دىققەت
قىلىنىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ. (گۈلجەننەت) |