106 يېشىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومىغا ئېرىشكەن ئايال
چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق 106 ياشلىق رىپپا ۋېليامۇس تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇتقۇچىسى سىنىپتىكىلەرگە بىر كىتابنى ئوقۇپ كېلىشنى تاپشۇرغان ھەم تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە، ئوقۇش پۈتكۈزۈش دىپلومى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. رىپپا ئوقۇتقۇچىسىغا :«مەن بۇ كىتابنى ئىلگىرى ئوقۇغان، شۇڭا بۇ كىتابنى قايتا ئوقۇمايمەن» دېگەن. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا دېپلوم بەرمىگەن. ئارىدىن ئۇزۇن يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، رىپپا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. يېقىندا ئۇ مۇخبىرلارغا بۇ ئىشنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا رىپپا ئوقۇغان مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن مائارىپ تارماقلىرىغا رىپپاغا دېپلوم بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. شۇنىڭ بىلەن رىپپا 106 يېشىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەنلىك دېپلومى ئالغان.
مەنبەسى:شىنجاڭ رادىيو تورى |