سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى بىردىنبىر كاللا كىسىش جازاسىنى يولغا قويغان دۆلەت. ئەمدىلىكتە باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراپ كىلىۋاتقان بۇ جازا ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستان «بۈگۈنكى خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى كاللا كېسىش تۈزۈمىنى ئىتىپ ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا «تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل»غا ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكىمىتى بىرلەشمە كومتىتى بىرلىكتە كاللا كىسىپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئوكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق ياكى ئىتىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىجرا قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى ئويلاشماقتا. «دۇنيا ئاخبارات گىزىتى» مۇخبىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، رىياددىكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش مەيدانىنىڭ داڭلىق ساياھەت رايونى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، سەئۇدى ئەرەبىستان كاللا كىسىش ئادىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن، شۇڭلاشقا جاللاتلارمۇ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن.بەزى جاللاتلارنىڭ ماھارىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، شۇ جايلاردا ناھايىتى داڭلىق ئىكەن. لېكىن جازا مەيدانى تولىمۇ ئىچىنىشلىق بولغاچقا ،جاللات ۋە جازا ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئەيىپلەشكە ئۇچرايدۇ.شۇڭلاشقا جاللاتلارنىڭ كەمچىل بولىشىمۇ ، جازا ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كاللا كىسىش جازاسىنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋاقتىنچە يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئىتىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىق ھوقۇقىنى بىرىپتۇ.لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستان ئەڭ ئاخىرىدا قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىدىغانلىقىنى مەركىزى ھۆكۈمەت ئەستايىدىل مۇنازىرە قىلىپ قارار قىلغاندىن كېيىن جاكارلايدىكەن. |