«ئاپتونوم رايوننىڭ (ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش ۋاقىتلىق چارىسى) توغرىسىدىكى تولۇقلىما بەلگىلىمە» يېقىندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە،«ئاپتونوم رايوننىڭ (ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش ۋاقىتلىق چارىسى) توغرىسىدىكى تولۇقلىما بەلگىلىمە» يېقىندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش پىلانى»غا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش پۇلى ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
«بەلگىلىمە»دە ئوقۇش پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە چەت جايلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت يەنە»شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش پىلانى»غا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، تەلەپكە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەسئۇل تارماقلار چىقىرىپ بەرگەن تەربىيەلىنىش ئىسپاتى ۋە ئالاقىدار ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەككەن. تەربىيەلەش تاماملانغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشقا قوبۇل قىلغانلىق ئىسپاتى ياكى ئاساسىي قاتلامغا بۆلۈنگەنلىكى ئىسپاتىنى ۋە ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش توختامى ياكى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەككەن. ئوقۇش پۇلى ئاساسىي قاتلامدا رەسمىي ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن باشلاپ، ئۈچ يىلغا بۆلۈپ قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن. لېكىن تەربىىيىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇلمايدىكەن. «بەلگىلىمە»دە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ياكى چەت جايلاردا ۋاقىتىلىق ياكى قىسقا مۇددەتلىك ئىشلىگەنلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى نېفىت ساھەسىنىڭ دالىدا نېفىت قېزىش ئورنىغا ئىشقا چۈشكەنلەرمۇ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەت ئورنىدىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ھەريىلى قايتۇرۇلىدىغان ئوقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزىنىڭ سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
|