
جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى 25- مارت ئېلان قىلغان 2011- يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى 2011- يىلى ئىشقا ئاشۇرغان ساپ پايدىسى 169 مىليارد 258 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %25.52 ئاشقان، ھەر بىر پايدىن 0.68 يۈەن پايدا قالغان. بىر يىلدىكى 365 كۈن بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى كۈنىگە 464 مىليون يۈەن ساپ پايدا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ 2011- يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، 2011- يىلى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ساپ كىرىمى 304 مىليارد 572 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 53 مىليارد 72 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %21.1 بولغان؛ 2011- يىلىنىڭ ئاخىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ مۈلكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 12 تىرىليون 280 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %13.61 كۆپەيگەن؛ ئابونتلار قەرزى ۋە ئاۋانسنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئالتە تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %14.59 كۆپەيگەن؛ ئابونتلارنىڭ ئامانەت پۇلى توققۇز تىرىليون 990 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %10.05 كۆپەيگەن؛ ئامانەت قويۇش نىسبىتى %65.05 بولۇپ، يۈرۈشۈشچانلىقى يېتەرلىك بولغان.
ئىش ھەققى جەھەتتە، 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 313 مىڭ 867 نەپەر خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىش ھەققىنىڭ سوممىسى 31 مىليارد 396 مىليون يۈەنگە، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 99 مىڭ 900 يۈەنگە يەتكەن؛ 2011- يىلىنىڭ ئاخىرى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 329 مىڭ 438 نەپەر خىزمەتچىسى بولۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىش ھەققىنىڭ سوممىسى 35 مىليارد 931 مىليون يۈەنگە، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 109 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ 2011- يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 2010- يىلىغا قارىغاندا %9.21 ئۆسكەن.